تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالاتاۋدا چېگرادىن كىرىپ چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم 4000 قېتىمنى بۆسۈپ ئۆتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، كومپيۇتېر مەھسۇلاتلىرى، كىيىم - كېچەك، تۈرلۈك مال قاتارلىق ماللار لىق قاچىلانغان «ۋۇخەن - شىنجاڭ - ياۋروپا» جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالاتاۋ پورتىدا چېگرادىن چىقىپ پولشاغا قاراپ يۈرۈپ كەتكەن. بۇ، ئالاتاۋ پورتىدا بۇ يىل چېگرادىن كىرىپ چىققان 4000 - قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، شۇنداقلا بۇ پورتتا 2011 - يىلى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن بۇيان، چېگرادىن كىرىپ چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم 4000 قېتىمنى بۆسۈپ ئۆتۈشى ھېسابلىنىدىكەن.

10 - ئاينىڭ 27 - كۈنىگە قەدەر، ئالاتاۋ پورتىدا بۇ يىل چېگرادىن كىرىپ چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 4007 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.16 ئېشىپ، يۈك توشۇش مىقدارى 2 مىليون 874 مىڭ توننىغا يەتتى. قايتىدىغان نۆۋەتچى پويىزغا يۈك بېسىش نىسبىتى 2014 - يىلىدىكى %9.1تىن ھازىرقى %95.8كە ئۆستى.

بۇ يىلدىن بۇيان، زور مىقداردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى ۋە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پوسۇلكىلىرى قاچىلانغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى چېگرادىن چىقتى، قايتىدىغان نۆۋەتچى پويىزلارمۇ ياۋروپا - ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىلگىرى دېڭىز، ھاۋادا توشۇلىدىغان زور مىقداردىكى ئېكسپورت مال مەنبەسىنى ئۈستىگە ئالدى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تاشقى ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تاموژنا تۆمۈريول تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ «رەقەملىك پورت» سىستېمىسىنى يولغا قويۇپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ پورتتا توختاش ۋاقتىنى ئەڭ قىسقا بولغاندا بەش سائەتكە قىسقارتتى.

ئالاتاۋ تاموژنىسى يەنە نۆۋەتچى پويىز يولغا چىققان جايدىكى تاموژنا بىلەن ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، پورت ئەشيا ئوبوروتى مەشغۇلات ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تاموژنىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش مەشغۇلاتىنى ئەشيا ئوبوروتى ئايلىنىش سىستېمىسىغا ئىلمىي كىرگۈزۈپ، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش، مال چىقىرىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە بولغان تەسىرىنى ئازايتتى.

نۆۋەتتە، ئالاتاۋ پورتىدا چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئاساسلىقى «چۇڭچىڭ - شىنجاڭ - ياۋروپا» «جېڭجوۋ - شىنجاڭ - ياۋروپا» «چېڭدۇ - شىنجاڭ - ياۋروپا» قاتارلىق 22 لىنىيەسى بار بولۇپ، گېرمانىيە، پولشا، بېلگىيە، رۇسىيە قاتارلىق 13 دۆلەتكە يېتىپ بارىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى