تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئۇلۇغ بايراق تارىخىي غايەت زور ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلدى

− شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ «13- بەش يىل»دىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا مۇلاھىزە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

ئۇلۇغ ئىدىيە ئۇلۇغ دەۋردىن كەلدى؛

يېڭىلىق يارىتىشچان نەزەرىيە يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

«13 - بەش يىل» جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئاچتى، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچتى.

بۇ بەش يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئىستىقبالىمىز پارلاق، جۇڭخۇا مىللىتى يېڭى تارىخىي غايەت زور ئۆزگىرىشنى كۈتۈۋالدى.

تىپ ئۆزگەرتىپ قايتا يارىتىش −

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش

2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى بىر قېتىملىق ئادەتتىن تاشقىرى يىغىن ئاچتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشقا ئەزالىرى «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى خۇلاسىلەش، باھالاش دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

«ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر ئومۇمىي جەھەتتىن قەرەلىدە ئىشقا ئاشىدۇ، مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ۋە 165 تۈرلۈك مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىدۇ، يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەر پات ئارىدا غەلىبىلىك تاماملىنىدۇ» «دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى»...

بەش يىللىق ئەمەلىيەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە ئىلمىي تاللىشىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

ۋاقىت 2015 - يىلىغا قايتتى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى بىرنەچچە يىلدا سىجىل ئاستىلىغان ئاساستا يەنىمۇ تۆۋەنلەپ، پۈتۈن يىلدا %7 ئېشىپ، 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن قىممەتكە چۈشتى.

يېڭى دەۋرگە كىردۇق، جۇڭگو قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك، قانداق تەرەققىي قىلىشى كېرەك، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزمەكتە ئىدى.

چوڭ يۈزلىنىش كۆزىتىلدى، پۈتۈن ۋەزىيەت كۆزلەندى، يېڭى يول ئېچىلدى.

ئىدىيە «ئەمەلىيەت - بىلىش - يەنە ئەمەلىيەت - يەنە بىلىش» داۋامىدا چوڭقۇرلىشىپ، يۈكسىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىلمىي يېتەكچىگە ئايلاندى.

− ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئۇيغۇنلىشىش ۋە ئۇنى ئىگىلەش، يېتەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «سۈرئەت تەشۋىشى»نى تۈگىتىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىغا «قانداق قاراش» مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛

− تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، قىسقا مۇددەتلىك قوزغىتىشقا تايىنىشتىن قۇتۇلدى، قۇرۇلما ئىسلاھاتىنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدا «قانداق قىلىش» مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛

− مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا يۈزلىنىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مېتودولوگىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇردى؛

...

تەرەققىيات ئىدىيەسى تەرەققىيات ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى، پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، نېگىزگە مۇناسىۋەتلىك، يۆنىلىشكە مۇناسىۋەتلىك، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك.

جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولى توغرىسىدىكى داۋاملىق ئويلىنىش ۋە ئەمەلىيەت مۇجەسسەملىنىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ماس ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولۇشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسى تۇرغۇزۇلدى.

2015 - يىلى 10 - ئايدا، پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «13 - بەش يىل»، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ھەم ئۇنى ھەقىقىي تۈردە ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئىكەنلىكى گەۋدىلىك تەكىتلەندى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار بۇ مەيدان ئۆزگىرىشنىڭ مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇشى كېرەك.

بەش يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئومۇميۈزلۈك باشلاندى −

يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى، ماس بولۇش ئىچكى ئالاھىدىلىككە ئايلاندى، يېشىل بولۇش ئومۇميۈزلۈك ھالەتكە ئايلاندى، ئوچۇق بولۇش مۇقەررەر يولغا ئايلاندى، ھەمبەھرە بولۇش تۈپ مەقسەتكە ئايلاندى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

«دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتتى.» 2017 - يىلى 10 - ئايدا، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىدا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا مۇھىم، زور ھۆكۈم چىقىرىلدى.

دىققەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى تېز ئورۇنلاشتۇرۇلدى −

تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، رايونلار ماس تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىرىش، ئۆتكەلدىن ھالقىپ ئۆتۈش جەريانىدا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

«دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزگىنلەندى، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسى شەكىللەندى.» 2017 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېچىلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا بۇ مۇھىم ھۆكۈم چىقىرىلدى.

بۇ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنىڭ نەزەرىيە جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىدىيە يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى.

دەھشەتلىك دولقۇنلارنى يېرىپ ئۆتۈپ، كۈچلۈك ئېلاستىكلىقنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قاراپ ھالقىدى.

پات ئارىدا تاماملىنىدىغان «13 - بەش يىل»دا، جۇڭگو بىر بۆلەك پەۋقۇلئاددە قالتىس تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى.

ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 100 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى، كىشى بېشى GDP ئون مىڭ دوللارلىق پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتا ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %30 ئەتراپىغا يەتتى؛ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئوتتۇرا ھال كىرىملىك كىشىلەر توپىغا ئىگە بولۇپ، كۈچلۈك دۆلەت ئىچى بازىرى تېز شەكىللەندى؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى؛ بېيدوۋ تورىنى تەشكىللەش تاماملاندى، 5Gنى سودىدا قوللىنىش تېزلىتىلدى، شياڭگاڭ - جۇخەي - ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى ئۈچ جاينى تۇتاشتۇردى، جۇڭگو ئىجادىيىتى، جۇڭگو ياسىمىچىلىقى، جۇڭگو قۇرۇلۇشى پۈتۈن يەر شارىنىڭ دىققىتىنى تارتتى...

ئۇلۇغ بايراق تارىخىي غايەت زور ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلدى، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى.

خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش −

خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش

بەش يىللىق يىرىك پىلان تۈزۈش تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش! تور ئەھلىنىڭ جەمئىي 1 مىليون 18 مىڭدىن ئارتۇق چارە - تەدبىرى تاپشۇرۇۋېلىندى!

بۇ يىل 8 - ئايدا، دۆلىتىمىز «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىگە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق مۇھىم يوليورۇق بەردى: خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز، خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە قوللىشى دۆلىتىمىزنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدىكى كۈچ.

ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىش پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلغا يېقىن كۈرەش مۇساپىسىدە، خەلقنى يېتەكلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى كۈچ مەنبەسى.

«دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى» − پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى مۇھىم، زور ھۆكۈم چىقىرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق مەركەز قىلىنغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنىڭ دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر نامايان قىلدى.

«دەۋر سوئال چىقارغۇچى، بىز ئىمتىھان بەرگۈچى، خەلق ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچى».

«13 - بەش يىل» مەزگىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچى. يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭ بولماسلىق، ماس بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە كەمتۈكلۈكلەرگە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر خەلقنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە مەركىزىي ئورۇنغا قويۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىش، بۇ ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئارزۇسى، تېخىمۇ مۇھىمى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى.

يېزىلاردىكى 50 مىليوندىن ئارتۇق نامرات نوپۇس مۇتلەق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2016 - يىلىدىكى %4.5تىن 2019 - يىلىدىكى %0.6كە تۆۋەنلىدى، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى...

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، پارتىيەمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچى قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا بىرىمۇ كەم قالسا بولمايدۇ» دېگەن تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار تەڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئىدىيەسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلدى.

خەلق تۇرمۇشىدىكى كىچىك ئىشلارنى ھەقىقىي تۈردە ھەل قىلىپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈش، بۇ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ جانلىق شەرھلىنىشى.

ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرگە باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتىن تارتىپ ئىجتىمائىي كاپالەت تورىنى زىچ، پۇختا توقۇشقىچە، تىرىشىپ خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تېخىمۇ ئادىل مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىشتىن تارتىپ ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، شىمالدىكى رايونلاردا قىش پەسلىدە پاكىز ئىسسىنىشنى ئالغا سىلجىتىش، ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»غا تۈرتكە بولۇش، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىشنى ئالغا سىلجىتىش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى قىلىشقىچە... يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، بىرمۇبىر تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈردى، «مېنىڭ <13 - بەش يىل>ىم» يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، بۇ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ كۈچلۈك نامايەندىسى.

تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىرلا بۇيرۇق چۈشۈرگەن ھامان، ھەممە تەرەپ تېزدىن ياردەمگە كېلىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ھەيۋەتلىك بىر مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلدى. ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي، ھەرقانداق كىچىككىنە ئۈمىدتىن ۋاز كەچمەي، تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا 30 نەچچە سائەت بولغان بوۋاقتىن تارتىپ 100 نەچچە ياشلىق ياشانغان كىشىگىچە، ھەربىر ئادەمنىڭ ھاياتى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتى كۆڭۈل قويۇپ قوغدالدى. ئادەتتىن تاشقىرى خەتەرلىك ۋىرۇس ئالدىدا، ھايات - ماماتلىق سىناقتا، پارتىيە خەلق بىلەن باشتىن - ئاخىر قەلبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، ھەرىكىتى بىلەن ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى نەقلەشتۈردى.

«مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن».

باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن بىللە بولۇش، بىللە ئىشلەش، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوغا يول باشلاشتىكى ئەڭ زور جاسارىتى ۋە بوشاشماس ئىنتىلىشى.

ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ھەممىدە غەلىبە قىلماي قويمايمىز.

ئىدارە قىلىشقا ماھىر بولۇپ ئۇل سېلىش −

دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش

600 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتكە چىقتى، 466 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ساياھەت كىرىمى يارىتىلدى −

بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمىلىق، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق ئۇزاق دەم ئېلىشتا، «ھەرىكەتچان جۇڭگو» دۇنياغا بۇ دۆلەتنىڭ كۈچلۈك ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىپ بەردى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ قالتىس ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.

چەت ئەل تاراتقۇلىرى جۇڭگونىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرئەتتە نورمال ھالەتكە قايتىپ كەلگەنلىكى، يېقىنلاشقانلىقىغا قايىل بولدى.

جاپا - مۇشەققەتكە دۇچ كەلگەندە، باتۇرلۇق - قەيسەرلىك تېخىمۇ نامايان بولىدۇ.

«تارىخ ۋە رېئاللىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم كۈچىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا ماھىر بولساقلا، بىز چوقۇم تەكرار - تەكرار بېسىملارنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئوتتا تاۋلىنىپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشەلەيمىز.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزى مۇپەسسەل، چوڭقۇر بولدى.

تۈزۈم ئەۋزەللىكى بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكى.

پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش»تىن ئىبارەت مۇھىم، زور تېما تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈملەرنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئېنىق ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاۋۋال «تېما بەلگىلەپ»، ئاندىن «تېمىنى ھەل قىلىپ»، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىدارە قىلىش ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى سىجىل قويۇپ بەردى.

«ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بارلىق ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىللەتلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، تۇراقلىشىپ قالغان مەنپەئەت توسۇقىنى بۆسۈپ ئۆتۈش»، باش شۇجى شى جىنپىڭ «مەسىلىنى ھەل قىلىش ئاچقۇچى»نىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

«13 - بەش يىل» دەل ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش چوڭقۇر سۇ رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدىغان، قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەڭ خەتەرلىك ساھىلغا كىرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل بولدى.

بەش يىل مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تۈزۈمنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، چوڭقۇر ئويلىنىش داۋامىدا پىلان تۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، سالمىقى زور، تەلىپى يۇقىرى، تەدبىرى پۇختا بولغان زور بىر تۈركۈم تۈزۈم ئىسلاھاتى ۋەزىپىسى ئارقىلىق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىشى، تېخىمۇ تۇراقلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

بەش يىل مابەينىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان مەسىلىلەرگە قارىتا ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇزاق كەلگۈسى تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى قانۇن - نىزاملارنى تۈزۈش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىزاھلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمدىكى جاھىل كېسەللەرنى تۈگىتىشنى يېڭىدىن پەيدا بولغان زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلدى.

قورغاننىڭ ئۇلىنى پۇختىلاش، تۈۋرۈك - لىم تىكلەشتىن ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ياخشى ۋەزىيەت يارىتىشقىچە، يەنە سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇپ، ماسلىشىپ يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىشقىچە، يول بويى قەدەمنى پۇختا، تېز ۋە سىلىق ئېلىپ، جاسارەت ۋە قەتئىيلىك بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتى ئارقىلىق ئاساس كۈچەيتىلدى، ئۇل پۇختىلاندى −

سوتسىيالىستىك دېموكراتىك تۈزۈم تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى، خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ كېڭەيدى، تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى، تېخىمۇ تاكامۇللاشتى؛ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى، شياڭگاڭغا ئالاقىدار دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى قاتارلىقلار كەينى - كەينىدىن ئېلان قىلىنىپ، «ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇش»تىن «ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىش»قا ئاتلىنىشقا تۈرتكە بولۇندى؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى يېتەكلەش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇلدى؛ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى؛ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى.

تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتى ئارقىلىق تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇلدى −

يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ھۆججەتلەر كەينى - كەينىدىن چىقىرىلدى؛ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوزغىتىلىپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تۈزۈمى ئىسلاھاتى ھۆججىتى داۋاملىق چىقىرىلدى؛ مەمۇرىيەت ئىخچاملىنىپ ھوقۇق تۆۋەنگە بېرىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، 100 مىليوندىن ئارتۇق بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى قويۇپ بېرىلدى.

تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتى ئارقىلىق كىشىلەر قەلبى ئىللىتىلدى −

ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈمى قۇرۇلۇشى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈلمە - مېخانىزمى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلدى؛ ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى...

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلغان تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش، سىجىل ئۆستۈرۈلگەن ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نى پۇختا، كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق −

دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگو ئۈچۈن يېڭى تەرەققىيات بوشلۇقى ئېچىش

2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شېنجېن ليەنخۇاشەن تېغى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆز قولى بىلەن تىككەن گاۋشەنرۇڭ دەرىخى ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ، شاخ - يوپۇرماقلىرى بۈك - باراقسانلاشقانىدى.

«سەككىز يىل ھەش - پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كەتتى. ياخشى جاينى تاللاپتۇق، دەرەخ شاخلىرى غۇلاچ تاشلاپ، دەرەخمۇ تېز ئۆسۈپتۇ.» شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىغا 40 يىل بولغان ئالاھىدە پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يەردە قىلغان بۇ سۆزىنىڭ مەنىسى چوڭقۇر ئىدى.

قەتئىي تەۋرەنمەي سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شېنجېننىڭ دەۋر مۆجىزىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقىشىدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مەخپىي نومۇرى.

«13 - بەش يىل»، دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، يەر شارىۋى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەتكە نەزەر سالساق، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش مەزگىلى تولىمۇ ئاچقۇچلۇق بولماقتا.

ئىقتىدارلىقلار ئالەمشۇمۇل داۋالغۇشلار ئىچىدىمۇ ياخشى پۇرسەتكە ئۇچرايدۇ. جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىدە قانداق چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى؟ قانداق قىلغاندا كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرگىلى، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتقىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش داۋامىدا يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ؟

«<قولنى قويۇۋېتىش>تە ئەمەس، بەلكى <قولنى تارتىش>تا چىڭ تۇرۇپ، <تامنى قوپۇرۇش>تا ئەمەس، بەلكى <تامنى چېقىۋېتىش>تە چىڭ تۇرۇپ، قورۇقچىلىق، يەككە تەرەپچىللىككە قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك...»

تارىخ چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، دەۋر سوئالىنى يېشىش.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە قەتئىي تۇرۇپ، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىش چوڭ بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈردى، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىلدى.

ئەركىن سودا سىناق رايونىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشتىن خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى يۇقىرى سۈپەتتە، يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇشقىچە، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشتىن پۇل مۇئامىلىنى ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش، تاموژنا بېجى سەۋىيەسىنى كۆپ قېتىم تۆۋەنلىتىشكىچە، ئىجادىي خاراكتېرلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىن كۆلىمى داغدۇغىلىق مۇلازىمەت - سودا يەرمەنكىسىگىچە... «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، جۇڭگو تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلدى.

«ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش» «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى يېپىق بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئايلىنىش بولماستىن، بەلكى ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشتۇر»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدىكى چوڭقۇر تەپەككۇرى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىشىنى ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

ئېچىۋېتىش ھازىرقى جۇڭگونىڭ روشەن بەلگىسى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلىغان، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان، ئۆزى تۈرتكە بولغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش مۇھىم، زور تەشەببۇسى جۇڭگونىڭ يەر شارىۋى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىققا قاتنىشىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشىنىڭ يېڭى ماكانىنى ئېچىپ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندى.

يوق بولۇشتىن بار بولۇشقىچە، ئارزۇدىن رېئاللىققىچە، ئومۇمىي گەۋدىلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان «توم سىزما رەسىم»دىن ئىخچام، نەپىس «ئىنچىكە سىزما رەسىم»گىچە... ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو 138 دۆلەت ۋە 30 خەلقئارا تەشكىلات بىلەن 200 پارچە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالىدى، 2000دىن ئارتۇق ھەمكارلىق تۈرىنى ئورتاق قانات يايدۇردى، ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، پۇختىلاندى.

«ئىقتىساد يەر شارىۋىلاشقان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان يېگانە ئارال يوق. ئوخشاشلا يەر شارى كەنتىنىڭ ئاھالىسى بولغان بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى تارىخ ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشقان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىياتى، دۇنيانىڭ گۈللىنىپ ئالغا بېسىشىنىڭ ھەممىسىدە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش، يەر شارىۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش... جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيە يېڭى ۋەزىيىتىنى ئېچىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى داۋامىدا شەكىللەنگەن شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىياتىنى دۇنيانىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرگەن يەر شارىۋى نەزەر دائىرىسى، دۇنياۋى كەڭ قورساقلىقى ۋە چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

بەش يىل مابەينىدە، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى 112 جۈپكە كۆپىيىپ، جۇڭگونىڭ دوستلار چەمبىرىكى بارغانسېرى زورايدى؛ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ خاڭجوۋ باشلىقلار يىغىنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم، زور ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە كۈنسېرى يېقىنلاشتى.

رولچى بولۇپ يول باشلاش −

پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، بېيجىڭ. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى.

پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى توپلاپ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈش دەل پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ جانلىق ئىپادىسى.

پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن - مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ھەر تەرەپ ھەر ساھەلەردە پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

«جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، پارتىيە ئەڭ ئالىي سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر بايانلىرىدا بايراق روشەن، مەردانە - جاراڭلىق.

بەش يىللىق ئاجايىپ مۇساپىگە نەزەر سالساق، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيە ئادەتتىن تاشقىرى روشەن بولدى −

«پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ تۈپ نۇقتىسى»؛

«پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتى، بەختى»؛

...

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پۈتۈنلەي يېڭىچە نەزەر بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە يېتەكلىدى.

پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش.

«پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش» − بەش يىل ئىلگىرى، «13 - بەش يىللىق» يىرىك پىلان تەكلىپىدىلا بۇ چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپ قىلىنىپ ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ھەم ئايرىم بىر باب چىقىرىلىپ «پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش» توغرىسىدا تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى» قاتارلىق پارتىيە ئىچىدىكى نىزاملار چىقىرىلدى؛ مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى، گوۋۇيۈەن پارتىيە گۇرۇپپىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى ھەر يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش قاتارلىق تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىرىلدى؛ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى، مەركەز ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتى تەشكىللەپ قۇرۇلدى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قاتارلىق تۆت رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى كومىتېتقا ئۆزگەرتىلدى... بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى تۈزۈلمە - مېخانىزم جەھەتتىن يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەش، سىياسەتنى بېكىتىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى.

بوران - چاپقۇنلارنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئوتتۇرا ئېقىمدا تۈۋرۈكتەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇش. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى يېڭىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە.

«پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا، جەزمەن پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئەمەلىيەتنىڭ، دەۋرنىڭ، خەلقنىڭ تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك.» بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇھىم قاراش.

«دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا ماھىر كىشىلەر چوقۇم ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ تەربىيە - ساپاسىنى كۈچەيتىدۇ.» بەش يىلدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيە روشەن ياخشىلاندى، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى روشەن ئاشتى.

«بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى شەرت.» «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، تۈزۈم قۇرۇلۇشى بۇلارنىڭ ئىچىگە سىڭدۈرۈلدى، پارتىيەنىڭ ئۆگىنىش قابىلىيىتى، سىياسىي رەھبەرلىك قابىلىيىتى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتى، ئىلمىي تەرەققىيات قابىلىيىتى، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قابىلىيىتى، ئامما خىزمىتى قابىلىيىتى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش قابىلىيىتى، خەۋپ - خەتەرنى تىزگىنلەش قابىلىيىتى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى.

بەش يىلدا كۈچلۈك بوران - چاپقۇن ۋە جاپا - مۇشەققەتلەر باشتىن كەچۈرۈلدى، بەش يىلدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەندى، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان تارىخىي غايەت زور ئۆزگىرىشلىرى شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ سىياسىي كاپالىتى».

100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرماقتا، ئۇ كۈچلۈك يادرونىڭ باشچىلىقىدا، يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشقا قاراپ قەيسەرلىك بىلەن قەدەم تاشلاپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

تارىخنىڭ ئىسترېلكىسى يېڭى ئىشكالىنى كۆرسىتىش.

بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ غەلىبىسى كۆز ئالدىمىزدا، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. مۇشۇ پەيتتە، تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، «14 - بەش يىل»نىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نەزەر سالساق، 2035 - يىلىغىچە بولغان يىراق كەلگۈسى نىشانغا نەزەر سالساق، ئۇلۇغ بايراقنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىغا چۆمىمىز.

(مۇخبىرلار خو شياۋگۇاڭ، جاڭ شۈدۇڭ، جاۋ چاۋ، زوۋ ۋېي، ليۇ خۇا، ئەن بېي، دىڭ شياۋشى)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.