تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىدى

ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19- قېتىملىق يىغىنى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ

ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - قېتىملىق يىغىنى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىدى. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى خىزمىتىنى سىجىل نازارەت قىلىش، ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش، شۇنداقلا مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشنىڭ قاتتىقلىقلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىدىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈن خۇڭمېي يىغىنغا كېلىپ سورالغان سوئالغا جاۋاب بەردى ھەم ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى قاتارلىق ئون تارماقتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا كېلىپ، «بىر سوئالغا بىر جاۋاب» شەكلىدىكى سوئال سوراشنى قوبۇل قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى ئون خادىم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى، شەھەر - بازار مەھەللىلىرىنىڭ يۈرۈشلەشكەن يەسلى قۇرۇلۇشى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، يەسلىنىڭ سەھىيە - ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئالاقىدار ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى تارماقلار ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلاردىكى مەسئۇل يولداشلاردىن سوئال سورىدى.

بۇ سوئاللارغا قارىتا، سۈن خۇڭمېي ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىرمۇبىر جاۋاب بېرىپ، كونكرېت ھەل قىلىش ۋە ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تۇنجى قېتىم تارماقلار مەسئۇللىرىنىڭ جاۋاب بېرىش ئەھۋالىغا قارىتا رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالىدى ھەم باھالاش نەتىجىسىنى ئالاقىدار تارماقلارغا ئىنكاس قىلدى.

شەۋكەت ئىمىن يىغىن ئاخىرىدا سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى سوئاللارغا رېئاللىققا بىۋاسىتە يۈزلەنگەن ھالدا جاۋاب بەردى، ھۆكۈمەت ھەم ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش نەتىجىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، يوچۇقلارنى توسۇش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بالىلار بېقىلىدىغان بولۇشقا بولغان گۈزەل ئارزۇسىنى قاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شەۋكەت ئىمىن مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى توغرىسىدا يەرلىك نىزام چىقىرىشنى تېزلىتىپ، نازارەتچىلىكنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا بولغان پىكىر - تەكلىپلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ، تولۇق قوبۇل قىلىپ، مائارىپ كەسپىي بىلىملىرى ۋە ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەكىللەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتىكى تەۋسىيە ۋە تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل بېجىرىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جۇ خەيلۇن، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى