تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەخپىي نومۇرىنى يەشتى

گۇما ناھىيەسى:

خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەخپىي نومۇرىنى يەشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جېڭ جو، ليۇ يى، زوۋ يى، جۇڭ جاۋفېڭ

«ئىلگىرى بىر ناننى ئۆيدىكىلەر ھەممىمىز بۆلۈشۈپ يەيتتۇق، ھازىر بىر ئايلىق كىرىمىمگە نۇرغۇن نان سېتىۋالالايمەن.» گۇما ناھىيەسى كىلىياڭ يېزىسى يۇلغۇنجاي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سالامەت تۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ھەمىشە ناننى مىسال قىلىدىغان بولدى.

سالامەت ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ئىلگىرى ئۇ يەر - بۇ يەردە پارچە - پۇرات ئىشلارنى قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، شۇنچە جاپالىق ئىشلىسىمۇ بىر ئايدا پەقەت 2000 يۈەنلا كىرىم قىلالايتتى. بۈگۈنكى كۈندە گۇما ناھىيەسى خېجياشىن كەنتىنىڭ ئېشەك ئۆلچەملەشتۈرۈپ بېقىش مەركىزىنىڭ ئىشچىسىغا ئايلانغاندىن كېيىن، سالامەت ئۆزىلا ھەر ئايدا 3000 يۈەن تاپالايدىغان بولدى.

سالامەت شۇغۇللىنىۋاتقان ئېشەكچىلىك كەسپى گۇما ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى يۆلەشتىكى نۇرغۇن كەسىپلەرنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇما ناھىيەسى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، خاس كەسىپتىن ئىبارەت بۇ «مەنبە سۇ» نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇردى.

كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كۆپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش

نۇرەخمەت ئېلى سالامەتنىڭ خىزمەتدىشى بولۇپ، باقمىچى بولۇشتىن ئىبارەت بۇ خىزمەت ئۇنىڭغا ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق مۇقىم كىرىم ئېلىپ كەلدى.

خېجياشىن كەنتىنىڭ ئېشەك ئۆلچەملەشتۈرۈپ بېقىش مەركىزىدە، دېھقان ئائىلىلىرى ئۆزلىرى ئېشەك بېقىپ ئېشەك سۈتىنى ساتسا بولىدۇ، ئېشەكنى كارخانىنىڭ ھاۋالىلىك باشقۇرۇشىغا بەرسىمۇ بولىدۇ، ھەر يىلى پايدا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ.

شىنجاڭ كوئېنلۇن لۈيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى فېڭ جيەنشىن مۇنداق دېدى: «بازىمىز <شىركەت+دېھقان ئائىلىسى>دىن ئىبارەت ھاۋالىلىك بېقىش تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئېشەكچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى، كۆپىيىش مەزگىلى ۋە سۈت بېرىش مەزگىلىدە، دېھقان ئائىلىلىرى ئېشەكنى كارخانىغا ھاۋالىلىك باشقۇرۇشقا بەرسە، ئېشەك سۈتىدىن قىلىنغان پايدا تەقسىماتىغا ئېرىشەلەيدۇ، يېڭى تۇغۇلغان تەخەينى نامرات ئائىلىلەر ئېلىپ كېتىپ ئۆزى باقسا بولىدۇ، ھەربىرىنى 2000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە باھادا شىركەتكە سېتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىركەت بازار باھاسى بويىچە بورداق ئېشەك ۋە شاللىۋېتىلگەن مادا ئېشەكلەرنى سېتىۋالىدۇ».

بۇ ناھىيەنىڭ مۇجى بازىرى سايباغ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ھۈسەن مەمتىمىن ئۆزىنىڭ ئۈچ ئېشىكىنى باقمىچىلىق مەركىزىدە ھاۋالىلىك باقتۇرۇپ، ھەر ئايدا باقمىچىلىق مەركىزىدە ئىشلەپ مائاش ئالغاندىن سىرت، ھەربىر ئېشەكتىن يىلىغا يەنە پايدا تەقسىملەپ بېرىشتىن 2000 يۈەن كىرىم قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇما ناھىيەسى «10، 100، 1000، 10 مىڭ، 100 مىليون» كەسىپ يىرىك پىلانى بويىچە، ئېشەك، غاز، قوي، توشقان، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە گۇما ناھىيەسى 42 مىڭ ئېشەك، 6 مىليون غاز، 9 مىليون توشقان، 180 مىڭ كۆپ تۆللەيدىغان قوي قاتارلىق يېتەكچى كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، گۇما ناھىيەسىدىكى 31 مىڭ ئائىلىدىكى 120 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

كەسىپ زەنجىرىنى يۇقىرى - تۆۋەن تۇتاشتۇرۇش

بۇ ناھىيەنىڭ كىلىياڭ يېزىسىدىكى بېدە تېرىش بازىسىدا سۆسۈن رەڭدە چېچەكلىگەن بېدە شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ باقمىچىلىقتىكى «يۆلەنچۈكى». بۇ يىل شۇ جاينىڭ يەم - خەشەك تېرىلغۇ كۆلىمى 4500 مودىن كۆپرەككە كېڭەيتىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇما ناھىيەسى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان باقمىچىلىق كەسپىنىڭ يەم - خەشەككە بولغان ئېھتىياجى يەنىمۇ ئاشتى. گۇما ناھىيەسى يەم - خەشەكنى بىر ئاساسىي كەسىپ سۈپىتىدە تۇتۇپ، بېدە، كۆممىقوناق قاتارلىق تۈرلۈك يەم - خەشەكتىن 160 مىڭ مودىن ئارتۇق تېرىدى.

لەڭگەر فېڭيۈەن يەم - خەشەك زاۋۇتى جياڭسۇ ئۆلكىسى فېڭشاڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى چودا يېزىسى لەڭگەر كەنتىدە ھەقسىز ياردەم بېرىپ قۇرغان يەم - خەشەك پىششىقلاش زاۋۇتى بولۇپ، يىلىغا 10 مىڭ توننا يەم - خەشەك ئىشلەپچىقىرىپ، لەڭگەر كەنتى ھەم ئەتراپتىكى كەنتلەردىكى باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ يەم - خەشەككە بولغان ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

بىرلەمچى كەسىپلەر مۇكەممەللىشىش بىلەن بىللە، ئىككىلەمچى كەسىپلەرمۇ ئۈزلۈكسىز جانلاندى.

2017 - يىلىدىن باشلاپ، گۇما ئېشەكچىلىك كەسپى ئېشەك سۈتى پاراشوكى، ئېشەك سۈتى قاتارلىق خاس چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئېشەك سۈتى پىششىقلاش سېخى، ئىستىراھەت يېمەكلىكلىرىنى پىششىقلاش سېخى، قۇشخانا قاتارلىقلارنى قۇردى. «ئۇزارتىلغان كەسىپ زەنجىرىگە تايىنىپ، 1500 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ» دېدى كوئېنلۇن لۈيۈەن يېمەكلىك تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ زېشى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇما ناھىيەسى تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشچانلىقى كۈچلۈك، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشچانلىقى زور، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى، نامراتلارنى يۆلەش نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك تۈرلەرگە سودىگەر چاقىرىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. نۆۋەتتە، 35 كارخانىنى كىرگۈزۈپ، بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كەسىپلەرنى قاپلىغان «N + 1» پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.

خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش سۈپەتلىك ماركا يارىتىش

گۇما ناھىيەسى سانائەت باغچە رايونىدىكى شىنجاڭ كوئېنلۇن لۈيۈەن ئېشەك سۈتى پاراشوكى پىششىقلاش زاۋۇتىدا، ئېشەك سۈتى پاراشوكى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر توڭلىتىپ قۇرۇتۇش ماشىنىسى پۈتۈنلەي يېپىق مۇھىتتا ئايلىنىۋاتاتتى.

25 ياشلىق نامرات ئاھالە زۇلپىيە ئابدۇرازاق بۇلتۇر 2 - ئايدا بۇ كارخانىغا ئىشقا چۈشۈپ، توڭلىتىپ قۇرۇتۇش ماشىنىسى مەشغۇلات ئىشچىسى بولدى. تېخنىكىلىق خاراكتېرى كۈچلۈك بۇ ئىش ئورنىدا ئۇنىڭ ئايلىق مائاشى 6000 يۈەندىن ئېشىپ، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر ناھايىتى تېزلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

زۇلپىيەنىڭ مائاشى ئۆسكەنگە ئوخشاش، يەنە توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان ئېشەك سۈتى پاراشوكىنىڭ باھاسىمۇ ئۆستى. بىر قۇتىسى 300 گىرام كېلىدىغان توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان ئېشەك سۈتى پاراشوكىنىڭ بازاردىكى سېتىلىش باھاسى 1200 يۈەندىن ئاشىدۇ. شىركەتنىڭ ساپ ئېشەك سۈتى، ئېشەك قېتىقى قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى بىر قەدەر يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە مەھسۇلاتنىڭ قىس بولۇشىغا تايىنىپ، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇردى.

«ياخشى مەھسۇلاتنى جەزمەن ياخشى باھادا ساتقاندىلا، ئاندىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزگىلى بولىدۇ. ھالبۇكى ياخشى باھادا سېتىش ئۈچۈن، جەزمەن مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك» دېدى شىنجاڭ كوئېنلۇن لۈيۈەن يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى دۇ جۈن.

ئۇزاقتىن بۇيان، گۇما ناھىيەسى ئېشەك سۈتى، ئىنچىكە پىششىقلانغان ئېشەك تېرىسى قاتارلىقلارنى توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىش يوللىرىنى ئېچىشقا كۈچەپ، نۇرغۇن كارخانا بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورناتتى، ئالاقىدار ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدا بازىرى ئىتتىك بولدى، مەھسۇلاتلارنىڭ قوشۇلما قىممىتى ۋە تونۇلۇش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

بىر سۈپەتلىك ماركا يارىتىش، بىر جاينىڭ كەسپىگە تۈرتكە بولۇش، شۇ جايدىكى پۇقرالارنى بېيىتىش، كەسىپ زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە سۈپەتلىك ماركىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۇما ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى