تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا قۇتقۇزدى، داۋالىدى

بايلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاش لايىھەنى قوزغىتىش

ئاپتونوم رايونىمىز ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا قۇتقۇزدى، داۋالىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئاچقان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىزمىتى لايىھەسىنى تېز قوزغىتىپ، «قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىش، داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاش» پىرىنسىپى بويىچە، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى بىرىنچى ۋاقىتتا بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش دوختۇرخانىسىغا قوبۇل قىلىپ، تېببىي تەلەپ بويىچە ئايرىپ كۆزەتكەن، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا قۇتقۇزغان، داۋالىغان.

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇ يىڭسۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، «بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش» ۋە «ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈش» پىرىنسىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى بېكىتىلگەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش دوختۇرخانىسىنى جىددىي قوزغىتىپ، ئاغرىقلار رايونلىرىدا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، داۋالاش ئەترەتلىرىنى توپلاش، داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى تەييارلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تېز سۈرئەتتە تاماملاپ، ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارىغا ئىگە، تەجرىبىسى مول نەپەس يولى، يۇقۇملۇق كېسەللەر، ئېغىر كېسەللەر مېدىتسىناسى قاتارلىق ئالاقىدار كەسپىي تېببىي خادىملارنى تەشكىللەپ داۋالاش - قۇتقۇزۇش ئەترىتى قۇرغان.

دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى بىرىنچى ۋاقىتتا دۇڭنەن داشۆ قارىمىقىدىكى جۇڭدا دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى چيۇ خەيبو، جۇڭشەن داشۆ قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گۈەن شياڭدۇڭ، بېيجىڭ شۇەنۋۇ دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جياڭ لى، سۇبېي خەلق دوختۇرخانىسى ئېغىر كېسەللەر تېببىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جېڭ رۈيچياڭ ھەمدە يۇقۇم، تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، تەجرىبىسى مول مۇتەخەسسىسلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ياردەملىشىشكە ئەۋەتتى. ئاپتونوم رايونمۇ نەپەس يولى، ئېغىر كېسەللەر، يۇقۇم قاتارلىق كەسىپلەردىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەرنى يۆتكەپ سەپلەپ، دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئاغرىقلارغا بىرلىشىپ كوللېكتىپ دىياگنوز قويدى، بىرمۇبىر تەھلىل قىلدى، بىرمۇبىر ھۆكۈم قىلدى. ئاغرىقلار دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ھەر كۈنى بارلىق ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلىپ ۋە كوللېكتىپ دىياگنوز قويۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يېنىك تىپتىكى، ئادەتتىكى تىپتىكىلەرنىڭ ئېغىر تىپقا ۋە خەتەرلىك ئېغىر تىپقا ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

گۇ يىڭسۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلدىن بۇيان، مەۋقەنى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە قويۇپ، ئاپتونوم رايون يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئاغرىقلار رايونىنى كۆپەيتىپ، كارىۋاتلارنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، داۋالاش - قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرىنى كۆپەيتىپ سەپلەپ، داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ھەر ۋاقىت، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە داۋالاش دورىلىرى، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى تەييارلىقى تولۇق بولۇپ، بۇ قېتىمقى كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى بويىچە داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

«بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا قوبۇل قىلىنىپ داۋالانغان ئاغرىقلار دەسلەپكى مەزگىلدە ئاساسلىقى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار بولۇپ، قوبۇل قىلىنىپ داۋالانغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە، نۆۋەتتە 22 ئاغرىق مىسالى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بويىچە ئادەتتىكى تىپتىكى ئاغرىققا ئۆزگەردى. بىز دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئېلان قىلغان 8 - نۇسخىدىكى <يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى>گە ئاساسەن، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە <بىر ئادەمگە بىر تەدبىر> قوللىنىش، كۆپ پەنلەر ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئېلىپ باردۇق.» گۇ يىڭسۇ مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى تىپتىكى ئاغرىقلارغا قارىتا، ئاغرىقلاردىن كارىۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىللە، قۇۋۋەتلەندۈرۈپ داۋالاشنى كۈچەيتىپ، ئاغرىقلارنىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرى ۋە كۆكرەك قىسمىدىكى تەسۋىرلىك ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار زىچ كۆزىتىلىدۇ. ھەر بىر ئاغرىق مىسالىنىڭ كونكرېت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئەگەشمە كېسەللىكنىڭ ئاكتىپ ئالدى ئېلىنىدۇ ۋە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئاساسىي كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پىسخىكىلىق ئارىلىشىش ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاغرىقلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىكا جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى