تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن يىللىق 5G تورى قۇرۇلۇشىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايون تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى

پۈتۈن يىللىق 5G تورى قۇرۇلۇشىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون 5G تورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 5G تورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، 5G تورى قۇرۇلۇشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە 5G تورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، قۇرۇلۇش داۋامىدىكى قىيىن نۇقتا ۋە ئاچقۇچلۇق نۇقتىلارغا بىر - بىرلەپ ھۇجۇم قىلىپ ھەل قىلىپ، پۈتۈن يىللىق 5G تورى قۇرۇلۇشىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەتلەرنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشى؛ خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، 5G ئاساسىي پونكىتىنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، 5G تورى خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، 5G تورى مەخسۇس تۈر يىرىك پىلانىنى تۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي قوللىنىشنى كېڭەيتىشنى 5G تورى تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 5Gنى قوللىنىش ئورنىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، 5G ئاقىللىقىدىن پايدىلىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، قوللىنىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چۇڭجيۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى