تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى | مېنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىككى ئۆيۈم بار

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئوۋدېڭگېلى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: مېنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىككى ئۆيۈم بار، بىرى يەكەن ناھىيەسى خاڭدى بازىرى ئاڭبار كەنتىدە، يەنە بىرى يەكەن ناھىيەسى خاڭدى بازىرى كونا بازار كەنتىدە.

  2016-يىلى 11-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ خاڭدى بازىرىدىكى يۇرتداشلار بىلەن تۇغقانلاشقان تۇنجى تۈركۈمدىكى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن تۇنجى قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭغا، خاڭدى بازىرىغا كەلدىم.

  خاڭدى بازىرىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى مۇراسىمىدا، مەن تۇغقىنىمنى — چېھرىدىن مېھرىبانلىق يېغىپ تۇرىدىغان تاغامنى كۆردۈم، بىز «ياخشىمۇسىز» دەپ كۆرۈشتۇق، ئەمما پەقەت «ياخشىمۇسىز» دېگەن سۆزنىلا بىلگەچكە، بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ ئۇزاققىچە كۈلۈمسىرەشتۇق. تەرجىماننىڭ ياردىمىدە تۇغقىنىمنىڭ ئىسمىنىڭ تۇراق يۇنۇس ئىكەنلىكىنى بىلدىم.

  خاڭدى بازىرى ئاڭبار كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىدىن بىرنەچچە قەدەم ماڭمايلا تۇراق تاغامنىڭ ئۆيى كۆرۈنەتتى. تاغام بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگىنىمدە، تۇرسۇننىياز سادىق ھاممام بالدۇرلا ئىشىك ئالدىغا چىقىپ مېنى ساقلاپ تۇرغانىدى. تۇنجى قېتىم تۇغقىنىمنىڭ ئۆيىگە كېلىشىمدە، ئۇلار مەن ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان نازۇ-نېمەتلەرنى تەييارلاپ، مېنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ مېنى سەل ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى. مەن تەرجىماننىڭ ياردىمىدە تۇغقىنىمنىڭ ئائىلىسىدىكى ئەھۋاللارنى ئەستايىدىل خاتىرىلىدىم ھەم ئۇلارغا: «ئەمدى بىز ئۇرۇق-تۇغقان بولدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن كۆپرەك بېرىش-كېلىش قىلىپ تۇرايلى، قانداق ئىشىڭلار بولسا مېنى ئىزدەڭلار» دېدىم. تۇرسۇننىياز ھاممام مەندەك بىر چىرايلىق تۇغقىنىنىڭ بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقنى ئېيتقاچ ھاياجاندىن كۆزىگە ياش ئالدى.

  2017-يىلى 3-ئايدا، مەن ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يەنە بىر قېتىم خاڭدى بازىرىغا كەلدىم، بىراق، بۇ قېتىم ئاڭبار كەنتىگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى كونا بازار كەنتىگە چۈشتۈم. كونا بازار كەنتى 1-گۇرۇپپىسىدا مەن ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان 24 ئائىلىلىك يۇرتداش بار ئىدى، مەن يۇرتداشلار بىلەن دائىم مۇڭدىشىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى، ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ تۇردۇم. كەنتتىكى كىچىك بالىلار مېنى كۆرسىلا خۇشال-خۇراملىق بىلەن يۈگۈرۈپ كېلىپ، مەن بىلەن قول ئېلىشىدۇ ۋە قۇچاقلىشىپ كۆرىشىدۇ، بۇ يەر ئاستا-ئاستا مېنىڭ يەنە بىر ئۆيۈمگە ئايلاندى.

  ئەلۋەتتە، مەن يەنە ئاڭبار كەنتىدىكى تۇغقانلىرىمنى ئىزچىل ئەسلەپ تۇردۇم. بىر كۈنى ئەترەت باشلىقىغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان سوۋغاتلىرىمنى ئېلىپ ئاڭبار كەنتىدىكى تۇراق تاغامنىڭ ئۆيىگە ئۇلارنى يوقلىغىلى باردىم. مېنى كۆرۈپ تېخى بىرنەچچە ئېغىز پاراڭلاشماي تۇرۇپلا، مېنىڭ ئاقكۆڭۈل ھاممام كۆزىگە يەنە ئاش ئالدى. ھاممامنىڭ پۇتى ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن ماڭا تاماق ئېتىپ بېرىش ئۈچۈن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، تاغام سۆزگە ماھىر بولمىسىمۇ، بىر تەرەپتە خۇشال ھالدا بىزگە قاراپ كۈلۈپ تۇراتتى.

  بۇ قېتىم كېلىشتىن بۇرۇن بىرنەچچە ئېغىز ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋالغانىدىم، شۇنىڭ بىلەن دەرھال تاغام بىلەن ھاممامغا بىرنەچچە ئېغىز سۆزلەپ بەردىم، «ياخشىمۇسىز !» ، «ئۆيىڭىزدە نەچچە جان بار؟» تاغام بىلەن ھاممام خۇشاللىقتىن كۈلۈپ كەتتى. ھاممام ماڭا بىر چىرايلىق ياغلىق تەييارلاپ قويغانىدى. مېنىڭ ھازىر كونا بازار كەنتىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلار ماڭا بىكار بولغان چاغلاردا ئۆيگە كېلىپ تاماق يېيىشىمنى، ئىمكانىيەت بولسا ئۆيگە كېلىپ بىر كېچە قونۇپ كېتىشىمنى ئېيتتى، بۇلارنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم باشقىچە ئىللىپ كەتتى.

  دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن خاڭدى بازىرىنىڭ بازار كۈنى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى بازارغا باراتتى، شۇڭا بۇ كۈنى مەن خىزمەتتىن سەل بوشاپ ياتاقتا ماتېرىيال رەتلەۋاتاتتىم، ئەمما، تۇراق تاغامنىڭ قىزى بىلەن نەۋرىسىنى ئېلىپ مېنى يوقلاپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، مەن دەرھال ئۇلارنى ئۆيگە باشلاپ كىردىم. تاغام مېنى خىزمەت قىلىپ ھېرىپ كەتتى دەپ، بازاردىن ئالايىتەن بىر توخۇ كاۋىپى ۋە بىرنەچچە بوتۇلكا ئىچىملىك ئېلىپ كەلگەنىدى. ئۇ يەنە ھاممامنىڭ مېنى كۆرگۈسى كەلگەنلىكىنى، لېكىن پۇت ئاغرىقىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، كېلەلمەي قالغانلىقىنى، ئەمما مېنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي يۈرگەنلىكىنى ئېيتتى... تاغامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، كۆز ياشلىرىم كۆزۈمنى خىرەلەشتۈرۈۋەتتى.

  قايتىش ئالدىدا تاغامنىڭ قىزى ماڭا: «سىز بىلەن تۇغقان بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، مەن بۇ قېتىم سىزگە رەھمەت ئېيتقىلى كەلدىم» دېدى، مەن، بىز دېگەن تۇغقان تۇرساق، رەھمەت ئېيتقۇدەك ئىش يوق، دېدىم. تۇراق تاغام بىلەن تۇرسۇننىياز ھاممام ماڭا خاڭدى بازىرى ئاڭبار كەنتىدە ئىللىق ئائىلەم بارلىقىنى ھېس قىلدۇردى، كەنتتە تۇرۇش داۋامىدا ماڭا بىر ئىللىق ماكان ئاتا قىلدى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم.

  كەنتتە تۇرۇش ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى مەندەك شىمالىي شىنجاڭدىكى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىدىن كەلگەن موڭغۇل قىزىنى جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىندا ئىككى ئائىلىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە بىر ئۆمۈر ئاسراشقا ئەرزىگۈدەك قېرىنداشلىق مېھرىگە ئېرىشتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى