شىنخۇ تورى خەۋىرى: بۇ يىل كۈزدە ئوقۇش باشلانغاندىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى لاۋتىڭ ناھىيەسى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئاساس قىلىپ، چۈشتە غىزالىنىشقا، خەۋەر ئېلىشقا ئېھتىياجى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئاممىۋى مەنپەئەت خاراكتېرلىك «مەكتەپتە ھاۋالىلىك باشقۇرۇش» مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدەندى. ھاۋالىلىك باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلار چۈشلۈك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، مەكتەپتە يۈرۈشلۈك ئۇزۇقلۇق تامىقى يېسە، تاماقتىن كېيىن چۈشلۈك دەم ئېلىش ياكى شەكلى كۆپ خىل دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى ئەركىن تاللىسا بولىدۇ. بۇ مۇلازىمەت بالىلىرىغا چۈشلۈك تاماق ئېتىپ بېرەلمەيدىغان، قاراپ بولالمايدىغان نۇرغۇن ئاتا-ئانىنىڭ باش قېتىنچىلىقىنى تۈگەتتى. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بۇ ناھىيەدە «مەكتەپتە ھاۋالىلىك باشقۇرۇش» مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرغان مەكتەپ 39غا يەتكەن بولۇپ، 7000غا يېقىن ئوقۇغۇچى بۇنىڭدىن نەپ ئالغان.(ياڭ شىياۋ فوتوسى)
خېبېي لاۋتىڭ: «مەكتەپتە ھاۋالىلىك باشقۇرۇش» ئوقۇغۇچىلارغا نەپ يەتكۈزدى
مۇھەررىر :
توخنىياز ئىسمائىل
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2020/10/30 12:40
10-ئاينىڭ 28-كۈنى، لاۋتىڭ ناھىيەلىك 3-تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەكتەپتە غىزالىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا چۈشلۈك تاماق بەرمەكتە.
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.