تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئېگىزلىكتە بىپايان كائىناتنى كۆزىتىش

10-ئاينىڭ 28-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى زىجىنشەن رەسەتخانىسى چىڭخەي كۆزىتىش پونكىتى.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: چىڭخەي ئۆلكىسى خەيشى موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى دېلىڭخا شەھىرىنىڭ شەرقىدىن 35 كىلومېتىر يىراقلىقتا، دېڭىز يۈزىدىن 3200 مېتىر كېلىدىغان سايلىقتا بىر غايەت زور «گولف توپ» قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە دىيامېتىرى 13.7 مېتىر كېلىدىغان مىللىمېتىر دولقۇنلۇق رادىيو تېلېسكوپ بار بولۇپ، كېچە-كۈندۈز توختىماي كائىناتنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. بۇ يەر دەل جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى زىجىنشەن رەسەتخانىسى چىڭخەي كۆزىتىش پونكىتى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق، پارلىنىش مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇشقا ماس كېلىدىكەن. نەچچە ئەۋلاد پەن تەتقىقات خىزمەتچىسى بۇ يەردە 30 نەچچە يىل چىڭ تۇردى.(ياڭشيۇ داجېن فوتوسى)

10-ئاينىڭ 28-كۈنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى زىجىنشەن رەسەتخانىسى چىڭخەي كۆزىتىش پونكىتىنىڭ ئىنژېنېرى يەن كۇن ئۈسكۈنىدە مەشغۇلات قىلىپ كائىنات رادىيو ئاسترونومىيەلىك سانلىق مەلۇماتلارنى قوبۇل قىلماقتا.
10-ئاينىڭ 28-كۈنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى زىجىنشەن رەسەتخانىسى چىڭخەي كۆزىتىش پونكىتىنىڭ ئىنژېنېرى جاڭ يۇڭشىڭ تېلېسكوپنى كونتىرول قىلىش ئۈسكۈنىسىدىكى ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلىمەكتە.

10-ئاينىڭ 28-كۈنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى زىجىنشەن رەسەتخانىسى چىڭخەي كۆزىتىش پونكىتىنىڭ ئىنژېنېرى يەن كۇن دىيامېتىرى 13.7 مېتىر كېلىدىغان مىللىمېتىر دولقۇنلۇق رادىيو تېلېسكوپ ئۈسكۈنىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى