تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ شامال كۈچى ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ سىغىمى 20 مىليون كىلوۋاتتىن ھالقىپ، 10 يىلدا 20 ھەسسە ئاشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار خۇ پېيگېن، لى گوچىڭ): دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 10-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە، شىنجاڭ شامال كۈچى ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ سىغىمى 20 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، 20 مىليون 99 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەن، 10 يىلدا كۆلىمى 20 ھەسسە ئېشىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ 2-چوڭ توك مەنبەسىگە ئايلانغان.

شىنجاڭ قومۇل ئون مىليون كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر بازىسى. (سۈرەتنى دۆلەت ئېلېتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن)

  10-ئاينىڭ 28-كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2019-يىلى شىنجاڭ شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن پايدىلىنىش ۋاقتى 2175 سائەتكە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، شىنجاڭ شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 43 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، شىنجاڭدىكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان تۆت يىللىق توكىغا يېتىدىكەن. مۇھىت ئاسراش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، 43 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات سائەت تەخمىنەن 14 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر كۆيگەندە ھاسىل بولىدىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە باراۋەر بولۇپ، 37 مىليون 800 مىڭ توننا كاربون () ئوكسىد، 119 مىڭ توننا گۈڭگۈرت () ئوكسىد، 100 مىڭ توننا ئازوتنى ئازايتقىلى بولىدىكەن.

  شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى يەتكۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، شەرقىي جۇڭغار-جەنۇبىي ئەنخۇي 1100± كىلوۋات ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت تۆت يولنى شەكىللەندۈردى، سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 20 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خوتەن ناھىيەسىنىڭ قۇملۇق لازىسى تۇرمۇشنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈرۈپ، قىش پەسلىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى!
  • باغراش كۆلىدە قىشلىق ساياھەتچىلىك قىزىپ كەتتى
  • ھەپتە ئاخىرىدا نەنسەن تېغىدا مەنزىرىدىن تاماشا قىلغاچ قار تېيىلىش