تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

5-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئافرىقا ياشلىرى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى جياڭشى جىڭدې بازىرىغا كىردى

10-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئافرىقىنىڭ جۇڭگودىكى ياشلار ۋەكىلى جىڭدې بازىرى گۇياۋ ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمە رايونىدا ساپال چالغۇنى چېلىپ باقماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى، جياڭشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئافرىقا ياشلىرى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى جياڭشىنىڭ جىڭدې بازىرىغا كىردى، ئافرىقىنىڭ جۇڭگودىكى ياشلىرىدىن 40 نەچچە ۋەكىل جىڭدې بازىرى گۇياۋ ئۆرپ-ئادەت كۆرگەزمە رايونى، جياڭشى تىك ئۇچار ئايروپىلان پەن-تېخنىكا سارىيى، جىڭدې بازىرى جۇڭگو ساپال مۇزېيى ۋە تاۋشىچۇەن مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كوچىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ساپالچىلىق مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىپ، جۇڭگولۇق ياش ساپال سەنئەتكارلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.(ساۋ ديەن فوتوسى)

10-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئافرىقىنىڭ جۇڭگودىكى ياشلار ۋەكىلى جىڭدې بازىرى ساپال مۇزېيىدا ساپالچىلىق مەدەنىيىتىنى ھېس قىلماقتا.
10-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئافرىقىنىڭ جۇڭگودىكى ياشلار ۋەكىللىرى جياڭشى تىك ئۇچار ئايروپىلان پەن-تېخنىكا سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى