تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

40 مىنۇت! پويىز ساقچىلىرى «ھاياتلىق ئۈچۈن كۈچ ئۇلىدى»

 120 تېببىي خادىملىرى ھامىلىدارنى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا بىخەتەر ئېلىپ چىقتى. (سۈرەتنى زىيارەت ئوبيېكتى تەمىنلىگەن)

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى جيې، دىليار، جەۋھەر، ۋاڭ لىنلى خەۋىرى) 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، قەشقەردىن چېڭدۇغا قاراپ ماڭغان K454 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز ۋۇۋېي-لەنجوۋ ئارىلىقىدا كېتىۋاتقاندا، بىر ھامىلىدارنىڭ باش سۈيى تۇيۇقسىز يېرىلىپ كەتتى، پويىز ساقچىسى بىلەن پويىز خىزمەتچىسى تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، 40 مىنۇتقا سوزۇلغان ھاياتلىق ئۈچۈن كۈچ ئۇلىدى.

  ئۈرۈمچى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى كورلا جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى پويىز ساقچىسى تارماق ئەترىتى 2-چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شاۋ پېڭفېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى سائەت 20دىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە، قەشقەردىن چېڭدۇغا قاراپ ماڭغان K454 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتاتتى، پويىز ۋۇۋېي-لەنجوۋ ئارىلىقىدا كېتىۋاتقاندا، پويىزدىكى پويىز ساقچىسى تەن دۇڭياڭ 10-ۋاگوندىكى 36 ياشلىق ياڭ خانىمنىڭ باش سۈيى يېرىلىپ كېتىپ، ئاغرىققا چىدىيالماي قالغانلىق مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئۇنىڭ ئېرىدىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ياڭ خانىمنىڭ ھامىلدار بولغىنىغا سەككىز ئاي بولغانلىقىنى بىلدى.

  ياردەم تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تەن دۇڭياڭ ۋە پويىز ساقچىسى باشلىقى چاڭ يەندۇڭ تېزلىكتە نەق مەيدانغا يېتىپ باردى. «قورسىقىم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ! بەك بىئارام بولۇۋاتىمەن!» بۇ چاغدا، بۇ ھامىلىدار ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئېرىمۇ جىددىيلىشىپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغانىدى.

  تەن دۇڭياڭ بىلەن چاڭ يەندۇڭ دەرھال يولۇچى توشۇش تارماقلىرىغا ماسلىشىپ، رادىيو ئارقىلىق دوختۇر ئىزدەشنى قانات يايدۇردى. سائەت 20دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۇلار تېز سۈرئەتتە ئىسسىق سۇ ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش ساندۇقى تېپىپ كېلىپ، ھامىلدارغا ۋاقىتلىق تۇغۇت ئۆيى ھازىرلاپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەتراپتىكى يولۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، نەق مەيداننىڭ تەرتىپىنى ياخشى قوغداپ، ھامىلىدارغا نىسبەتەن تىنچ مۇھىت يارىتىپ بەردى.

  «ئەنسىرىمەڭلار، بىز ئامال ئىزدەۋاتىمىز، چاتاق چىقمايدۇ ...» تەن دۇڭياڭ، چاڭ يەندۇڭ ۋە پويىز خادىملىرىنىڭ تەسەللى بېرىشى بىلەن، ھامىلىدارنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى تېزلا مۇقىملاشتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاڭ يەندۇڭ پويىز باشلىقى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، يولۇچىلارنى يۆتكەش توغرىسىدا جىددىي ئالاقىلەشتى، يېقىن ئەتراپتىكى تيەنجۇ بېكىتىدە ۋاقىتلىق پويىز توختىتىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئەڭ تېز قۇتقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 120دىن بېكەتكە كېلىپ جىددىي قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  20دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، شۇ پويىزدىكى بىر دوختۇر نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ھامىلىدارغا ياردەم بەردى.

  سائەت 21دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە، پويىز 12 مىنۇت بۇرۇن ۋاقىتلىق توختاش بېكىتى — تيەنجۇ بېكىتىگە يېتىپ باردى، تەن دۇڭياڭ بىلەن چاڭ يەندۇڭ 120 تېببىي خادىملىرىغا ماسلىشىپ، ھامىلىدارنى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا بىخەتەر ئېلىپ چىقتى.

  شاۋ پېڭفېي مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ھامىلدارنىڭ باش سۈيى يېرىلىپ كەتكەندىن تارتىپ ھامىلدارنى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىغا بىخەتەر ئېلىپ چىققۇچە جەمئىي 40 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت كەتتى.

  ئەتىسى سەھەر سائەت 2دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، تەن دۇڭياڭ بىلەن چاڭ يەندۇڭ ياڭ خانىمنىڭ تيەنجۇ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا ئوڭۇشلۇق يەڭگىگەنلىكى، ئانا-بالىنىڭ ئامان-ئېسەن ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى