تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭنىڭ يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېتىپ كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن»

  شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گەي يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر تيەن دۇڭ

  10-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن، سانجى شەھىرىنىڭ سەنگۇڭ بازىرىغا جايلاشقان شىنجاڭ خۇاشياڭچۇن ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئورمان ئاستى باقمىچىلىق بازىسىدا، توخۇلارنىڭ چىللىغان ئاۋازى ئۈزۈلمەيتتى. چىغ قالپاق كىيىۋالغان چېن ۋېنخۇا ئورمانلىقتىكى يەرلىك توخۇلارغا دان بېرىۋاتاتتى.

  «توخۇنى ياخشى بېقىش ئۈچۈن، كۆڭۈل قويۇشىمىز كېرەك، ئازراقمۇ بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى چېن ۋېنخۇا.

  شىنجاڭ خۇاشياڭچۇن ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن ۋېنخۇا بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشىمايدىغان يولدا ماڭدى. ھازىر ئۇ يېزىدا يىلتىز تارتىپ، يېشىل كۆكتات تېرىپ، يەرلىك توخۇ ۋە كالا، قوي باقتى. ئۇنىڭ ئارزۇسى شىنجاڭدىكى بۇ «ياخشى نەرسىلەر»نى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقىرىش ئىدى.

  چېن ۋېنخۇا ئارمىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن سانجى شەھىرىنىڭ سەنگۇڭ بازىرىغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلىدى. دەسلەپتە ئۇ بىرەيلەن بىلەن ھەمكارلىشىپ، شۇ جايدا مەبلەغ سېلىپ سۈت كالىسى باقتى، بىراق شۇ يىلى يەم-خەشەك تەننەرخى يۇقىرى، سۈت باھاسى تۆۋەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقۇرۇش تېخنىكىسى ياخشى بولمىغاچقا، ئۈچ ئايدا 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيان تارتتى. تۇنجى قېتىم ئىگىلىك تىكلەپ بۇرنىغا سۇ كىرگەن بولسىمۇ، چېن ۋېنخۇا بەل قويۇۋەتمىدى. كۆپ تەرەپتىن تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ئۇ مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىنى ئەلا سۈپەتلىك تۇخۇم توخۇسى بېقىشقا بېكىتتى.

  شۇ كۈنلەردە، چېن ۋېنخۇا سەھەر چىقىپ كەچ قايتتى، بازاردىكى چوڭ تىپتىكى ئۈچ توخۇ بېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيە بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئورمان ئاستى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇردى. شۇ يىلى، 14 مىڭ 800 خەيلەن قوڭۇر شاكاللىق تۇخۇم توخۇسىنىڭ توخۇمىنى ئارقا-ئارقىدىن قولدىن چىقىرىپ، 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدا ئالدى.

  شۇنىڭدىن كېيىن، چېن ۋېنخۇا يېشىل ئېكولوگىيەلىك تۇخۇم توخۇسى، گۆش توخۇسى، گۆش كالىسى، قوي باقمىچىلىقىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇپ، يېشىل، ئورگانىك كۆكتات تېرىدى. يەنە پىسا، تورت، كونسېرۋا پىششىقلاش، گۆشنى ئايرىپ پارچىلاش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاش بىر گەۋدە قىلىنغان يېمەكلىك پىششىقلاش لىنىيەسى قۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز جايىدا پىششىقلاپ، قىممىتىنى ئاشۇردى. ھازىر، ئۇنىڭ شىركىتى يىلىغا 5000 توننىدىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك تۇخۇم، 3000 توننىدىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك كالا، قوي گۆشى ئىشلەپچىقىرىدۇ، مەھسۇلاتى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ.

  كارخانا شۇ جايدىكى 10 نەچچە ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، 100دىن ئارتۇق دېھقان تېرىقچىلىق ياكى باقمىچىلىققا قاتنىشىپ كىرىمىنى ئاشۇردى.

  يېقىندا، ئۇنىڭ شىركىتى سانجى شەھىرىدىكى ئىككى كۆچەت تىكىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى، ئۇ 1000 مو ئورمان ئاستى باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى كەنتتىكى 100گە يېقىن دېھقاننىڭ ئورمان ئاستى يېشىل باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، يېزاـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

  «بۇ يىل يەنە ئىككى ئورمان ئاستى باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇشنى، يېمەكلىك پىششىقلاش سېخىنى كېڭەيتىپ، كالا، قوي گۆشى، ئۆي قۇشلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش لىنىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى بېيىشقا يېتەكلەپ، بىرلىكتە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى نىشانلىدىم» دېدى چېن ۋېنخۇا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى