تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كوۋ ۋېنخۇڭ: ئايغارق كەنتىنىڭ ئۈزۈم ۋاكالەتچىسى

  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جەي رۇزېڭ، يۈەن مياۋمياۋ): «بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم سىناپ بېقىشىم، ئالقىنىمدىن توختىماي تەر چىقىۋاتىدۇ، لېكىن كەنتتىكى ئۈزۈم ماڭا ئىشەنچ ئاتا قىلدى، ئىشىنىمەنكى بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە مال تونۇشتۇرۇش چوقۇم قىزىپ كېتىدۇ.» 9-ئاينىڭ ئاخىرى، ئۇلۇغچات ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى بۆرىتوقاي يېزىسى ئايغارق كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى كوۋ ۋېنخۇڭ كەنتتىكى ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلىپ باردى.

  ئايغارق كەنتى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا جەمئىي 152 ئائىلىلىك ئاھالە بار بولۇپ، پۈتۈن كەنتتە 200گە يېقىن ئۈزۈم پارنىكى بار. 2017-يىلى، بۇ 152 ئائىلىلىك چارۋىچى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈرۈلۈپ، قوي باقىدىغان چارۋىچىلار پارنىك تېرىقچىلىق ئائىلىسىگە ئايلاندى. كوۋ ۋېنخۇڭ بۇ 152 ئائىلىلىك چارۋىچىنى باشلاپ، پارنىكقا كۈن نۇرى چۈشۈش، سۇغىرىشتىن ئوغۇتلاشقىچە بولغان ھەربىر ھالقىنى تولۇق ئۆگەندى. كەنت ئاھالىلىرى پارنىكتا ئۈزۈم ئۆستۈرۈشنى ئۆگىنىۋالدى، كوۋ ۋېنخۇڭمۇ مۇتەخەسسىس بولۇپ قالدى. كىمنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدا مەسىلە چىقسا، ئۇلار بىرىنچى بولۇپ كوۋ ۋېنخۇڭنى ئويلايتتى.

  2017-يىلى ئۈزۈم ئۆستۈرۈشتىن باشلاپ، كوۋ ۋېنخۇڭ ئۈزۈملەرنىڭ سېتىلىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن «يول ياسىدى». ئۇ خىزمەت ئەترىتىنى باشلاپ ئۇلۇغچات ناھىيەسى ۋە قەشقەر شەھىرى ئەتراپىدىكى چوڭ-كىچىك سودا سارايلارنى ئايلىنىپ، ھەر كىلوگىرامى 12 يۈەنلىك زاكاز توختامى ئىمزالىدى. كوۋ ۋېنخۇڭ 152 ئائىلىلىك چارۋىچى ئۆستۈرگەن ئۈزۈمنى بېيىش يولى قىلدى، ئۈزۈمنىڭ سورتى ياخشى، سۈپىتى يۇقىرى بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى ئۈزۈملىرىنىڭ سېتىلىشى ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ كەتمىدى.

  تېرىقچىلىق ئائىلىسى خالىچ سىدىق مۇنداق دېدى: «ھازىر بىزنىڭ ئۈزۈمىمىز بىرلىككە كەلگەن ئورالمىدا ئورىلىدۇ، ئۈزۈم پىشقاندا بىز پەقەت ئوراپ قاچىلىساقلا، كارخانا بىر تۇتاش سېتىۋالىدۇ. ئەسلىدە قوي بېقىشنىلا بىلىدىغان چارۋىچىلار ھازىر پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن ئۈزۈمگە تايىنىپ پۇل تاپتى.»

  بۈگۈنكى كۈندە، ھەر بىر پارنىكنىڭ ئوتتۇرىچە مەھسۇلات مىقدارى 2000 كىلوگىرام بولۇپ، ھەر كىلوگىرامى 12 يۈەن، تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەر بىر پارنىكتىن يىلدا 15 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ خۇشاللىقىدىن ئاغزى يۇمۇلمىدى.

  «بۇ بىر نەچچە يىلدىكى يېشىل تەرەققىيات كەنت ئاھالىلىرىنى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلدى. مۇھىت بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئىقتىسادىي ئورمان تەدرىجىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئورمىنىدىن شەكىللەنگەن مەنزىرە بەلبېغى بارغانسېرى گۈزەللەشتى. ھازىر بىز ئۈزۈم، ئۆرۈك، جىغان، جىگدە تېرىيمىز. ئىقتىسادىي مېۋىلىك باغدىن باشقا، ئەتىيازدا گۈل سەيلىسى قىلغىلى، كۈزدە مېۋە ئۈزگىلى بولىدۇ، مۇھىت گۈزەللەشتى، بىز ئامال قىلىپ يېزا-كەنت ساياھىتى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى ساياھەتچىلەرنى كېلىپ مېۋە ئۈزۈش، ئارام ئېلىشقا جەلپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.»دېدى كوۋ ۋېنخۇڭ كۈلۈپ تۇرۇپ.

  كەنتكە كېلىپ ساياھەت قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، لېكىن نۇرغۇن ساياھەتچى گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، سۈرەتكە چۈشۈپلا كېتىپ قالدى. ئانچە كۆپ ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل بولمىدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كوۋ ۋېنخۇڭ: يېزا-كەنت ساياھىتى قىلىشتا چوقۇم نامىمىز بولۇشى، كېيىنكى مۇلازىمەت ۋە يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، ساياھەت، سېتىۋېلىش قاتارلىق مەزمۇنلار مول بولۇشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلغىلى، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئايغارق كەنتى ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قاردى.

  بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە، كوۋ ۋېنخۇڭ ئۈزۈمنىڭ سورتى ۋە ئەۋزەللىكىنى، پامىر ئېگىزلىكىدىكى كۈن نۇرىنىڭ يېتەرلىك چۈشۈشى ئېلىپ كەلگەن تاتلىقلىق دەرىجىسىنى، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتىدىن تارتىپ قەنت مىقدارى ئەۋزەللىكىگىچە بولغان جەريانلارنى جانلىق تونۇشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى