تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

خوشۇت ھاراق ئېچىتىش ئۈزۈمىنىڭ قىشلىق چاتاش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى

  يېقىندىن بۇيان، خوشۇت ناھىيەسىدىكى ھاراق ئېچىتىش، ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش كارخانىلىرى ۋە ئۈزۈم ئۆستۈرگۈرچىلەر ئۈزۈمنىڭ بىخەتەر قىشتىن ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈزۈمنى قىشلىق چاتاش، كۆمۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، كېلەر يىللىق ئۈزۈمنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈمنىڭ قىشلىق چاتاش سۈپىتى كېلەر يىلى ئۈزۈمنىڭ نورمال ئۆسۈشى ۋە مېۋە بېرىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كېلەر يىلى ئۈزۈمنىڭ مېۋە بېرىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈزۈمنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشى ئۈچۈن، ھازىر خوشۇت ناھىيەسى گۈەنيى ھاراقچىلىقى ئۈزۈمنىڭ «كۈزدىكى ئۈچ»نى باشقۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ھاراق ئېچىتىدىغان قىزىل ئۈزۈمنى ئۈزۈش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۈزۈمنى قىشلىق چاتاش ۋە كۆمۈشنى پائال ھالدا نۆۋەتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، خىزمەت جەريانىدا، كارخانا ئۈزۈم باشقۇرۇش تېخنىكا تەلىپى، تېخنىكا قائىدىسى بويىچە، 1600 مو يەردىكى ئۈزۈمنىڭ قىشلىق چاتاش خىزمىتىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ۋە چىڭ تۇتۇپ، ئۈزۈمنى قىشلىق چاتاش، كۆمۈش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئۈزۈمنىڭ بىخەتەرلىكىگە ياخشى تەييارلىق قىلدى.

  يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، خوشۇت ياخشى تەبىئىي شارائىتىنىڭ كىلىمات ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۈزۈمچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى. يىلدىن-يىلغا تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، خوشۇتتا ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈمنىڭ تېرىقچىلىق كۆلىمى 67 مىڭ موغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە مېۋە بەرگەن كۆلەم 62 مىڭ موغا، ئېچىتىدىغان قىزىل ئۈزۈم كۆلىمى 54 مىڭ موغا يەتتى، چىشياجۇ، مېيلۇجې، لېيسىلىڭ، شيادولى قاتارلىق ھەر خىل ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم سورتلىرىدىن 36 خىلى تېرىلدى، ئۈزۈم ھارىقى ئېچىتىش، پىششىقلاش، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن 15ى بار بولدى. نۆۋەتتە، خوشۇتتا ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈمنىڭ قىشلىق چاتاش، كۆمۈش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ، پۈتكۈل خىزمەت 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تاماملىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  (ماقالىنى خوشۇت ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن مۇخبىر گۇڭچىكېجاپۇ تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى