شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى ئىشلەمچى يېزىسى قويچى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئونسۇ دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچە رايونى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىك يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى تۈر نۇقتىسىدا ئىشلىمەكتە. ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ سودىگەر چارقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ تۈر شۇ جايدىكى 60 نەچچە كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئاھالىدىن 15ى بار. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى)