تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بۇ يىل غۇلجا سانائەت رايونى سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشتا نەقلەشكەن مەبلەغدىن 4 مىليارد 114 مىليون يۈەننى تاماملىدى

  ئانار بۇلۇت خەۋىرى: بۇ يىل، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى غۇلجا باغچە رايونى يېڭى ئىلھام بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى زورايتىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە سودىگەر چاقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. 10-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتا نەقلەشكەن مەبلەغدىن 4 مىليارد 114 مىليون يۈەن تاماملاندى.

  نۆۋەتتە، غۇلجا سانائەت باغچە رايونىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى جەمئىي 50 بولۇپ، تۈر پىلانىدىكى ئومۇمىي مەبلەغ 12 مىليارد 586 مىليون يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە داۋاملىق قۇرۇلغىنى 21 تۈر، يېڭىدىن قۇرۇلغىنى 29 تۈردۇر. 10-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە، ئومۇمىي ۋەزىپىنىڭ %93.64ى تاماملاندى، بۇنىڭ ئىچىدە رايون سىرتىدىكى تۈر 42، ئومۇمىي سېلىنما 10 مىليارد 890 مىليون يۈەن، نەقلەشكەن مەبلەغ 3 مىليارد 421 مىليون يۈەن؛ رايون ئىچىدىكى تۈر سەككىز، ئومۇمىي سېلىنما 1 مىليارد 777 مىليون يۈەن، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 793 مىليون يۈەن.

  ھازىرغىچە، باغچە رايونىغا ماكانلاشقان كارخانا 292گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەلىي كارخانا 53 بولۇپ، يېڭىدىن 675 ئىش ئورنى كۆپىيىپ، باغچە رايونى ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئادەم كۈچى بايلىقى كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باغچە رايونى كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىمىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، سۇپا ئاپپاراتى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، جەمئىيەت قاتارلىق ئىجتىمائىي بايلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، سودىگەر چاقىرىش سالمىقىنى زورايتتى. ھازىرغىچە، باغچە رايونى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش زاپاس تۈرىدىن 35نى تاماملاپ، 18 كېلىشىم ئىمزالىدى، بەش كېلىشىمنى ئىمزالاش ئالدىدا، يېقىندا شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى كارخانىلار باغچە رايونىغا كېلىپ 13 تۈرنى تەكشۈردى.

غۇلجا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، مۇخبىر: ياڭ شيەنپىڭ، نۇرخات

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى