ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋىرى): سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃5 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلاردا ئازراق يامغۇر ۋە ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدۇ (تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ).
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، ئالتاي ۋىلايتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قېلىن ياكى قاتتىق قار ياغىدۇ، بىر قىسىم رايونلار ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدە بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا توققۇز بالدىن ئون بالغىچە ئۆتكۈنچى شامال چىقىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ كېيىن ئارزاق يامغۇر ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃5، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃1 بولىدۇ، ئۈچ بالدىن تۆت بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ. بۈگۈنكى يەتتە بالدىن سەككىز بالغىچە بولغان قىيپاش غەرب شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G3015 لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىندىن تۆمۈرتامغىچە بولغان بۆلىكى، S201 لىنىيەسىدىكى مايتاس شامال رايونى، S221 لىنىيەسى تولى سارغۇسىن، S319 لىنىيەسى بىلەن S229 لىنىيەسىدىكى ئالتاي نوخەي شامال رايونى يول بۆلىكى، G3014 لىنىيەسىدىكى قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلەك، G217 لىنىيەسىدىكى قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلەك.