تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز پىكىر چىقىرىپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مەدەت بەردى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: يەككە تىجارەت، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ھەمدە يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتى قاتارلىق جانلىق، كۆپ خىل ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلى ئەمگەكچىلەرنىڭ كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىكى مۇھىم يول. يېقىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ كۆپ خىل يول ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مەدەت بېرىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش پىكرى» دېيىلىدۇ) چىقىرىلىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مەدەت بېرىشنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، تۈرلۈك تەدبىرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ، ئۆز ئالدىغا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھام بېرىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش چوڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

«يولغا قويۇش پىكرى»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىپ تەرەققىي قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئەتىگەنلىك بازار، كەچلىك بازار ۋە تۈرلۈك خاس كىچىك دۇكانلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، كىچىك دۇكان ئىگىلىكى، يايما ئىگىلىكىنىڭ ساغلام گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان خادىملار، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىدىن يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغانلارغا بەلگىلىمە بويىچە تۈرلۈك يۆلەش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىپ، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان ئەمگەكچىلەر بىرقەدەر مەركەزلەشكەن شەھەر مەمۇرىيىتى - شەھەر قىياپىتى، مۈلۈك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى، توپ - پارچە سېتىش، ئائىلە مۇلازىمىتى، بىناكارلىق، بېزەكچىلىك قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ سىغىمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، كۈتۈنۈش، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە جەمئىيەت خىزمىتى قاتارلىق مەھەللە مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، توردا پارچە سېتىش، توردا تاكسى چاقىرىش، توردا تەربىيەلەش، ئالاقە تورى ئارقىلىق داۋالاش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

«يولغا قويۇش پىكرى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، «گۇۋاھنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىش» ۋە «كۆپ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھۆكۈمەت بېكىتكەن مەيدان - سورۇن ۋە ۋاقىت ئىچىدە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىشتا ياكى شەخسلەرنىڭ ماھارىتىدىن پايدىلىنىپ، قانۇن بويىچە ئىجازەت ئالمىسىمۇ بولىدىغان خەلققە قولايلىق ئەمگەك مۇلازىمىتى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىدا، تىزىملاش قانۇن بويىچە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىشنىڭ ھاجىتى يوق. ھەقنى تۆۋەنلىتىش، يۈكنى يېنىكلىتىش سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا چېتىلىدىغان مەمۇرىي - كەسپىي خاراكتېرلىك ھەقلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تەستىقلىتىش ئارقىلىق يول ئىگىلەپ تىجارەت قىلغانلاردىن شەھەر يوللىرىنى ئىگىلەش ھەققى ئېلىنمايدۇ. تۆۋەن تەننەرخلىق تىجارەت ئورنى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھام بېرىلىپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنىڭ ئۆي ئىجارە يۈكىنى يېنىكلىتىشكە ياردەم بېرىلىدۇ.

«يولغا قويۇش پىكرى»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ياخشى ئىستاتىستىكا قىلىپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. تۈرلۈك ئالىي مەكتەپلەر، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى، ئالاقە تورى سۇپىسى كارخانىلىرىنى قوللاپ، تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىپ، كۈتۈنۈش، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش، ئائىلە مۇلازىمىتى، يېمەك - ئىچمەك، رېمونتچىلىق، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق ماھارەتلەر بويىچە تەربىيەلەش ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق ساھەلەردە ئەمگەك ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، بەلگىلىمە بويىچە تەربىيەلەش ياردەم تولۇقلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. قىيىنچىلىقى بار جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارغا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىيىنچىلىقى بار جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان خادىملارنى ۋاقتىدا بەلگىلىمە بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى