تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

78 دەريا - ئېقىننىڭ سۈيى تېخىمۇ سۈزۈكلەشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، قۇياش نۇرى جىلۋىلىنىپ تۇرغان ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيى دولقۇنلاپ كۆزنى قاماشتۇراتتى، قىرغاق ئەتراپى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئىنتايىن كۆپ ئىدى. 2019 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەنگەن 78 دەريا - ئېقىننىڭ 169 كەسمە يۈزىدە، سۇ سۈپىتى ئەلا كەسمە يۈزنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %98.8كە يېتىپ، «12 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدىكىدىن 2.9 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى.

«13 - بەش يىل»دىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سۈزۈك سۇنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك جېڭى سۈپىتىدە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك روشەن نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

سانائەت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش چىڭ تۇتۇلۇپ، قەغەز ياساش، پولات - تۆمۈر، ئازوتلۇق ئوغۇت، بېسىش - بوياش، دورا ياساش، كۆن - خۇرۇم كەسپىنى پاكىزلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش خىزمىتى تاماملاندى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى 85 سانائەت توپلانغان رايوننىڭ 83ىدە يۇندىنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى قۇرۇپ چىقىلدى ھەم توردا ئاپتوماتىك نازارەت قىلىش - تىزگىنلەش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلدى.

شەھەر - بازارلاردىكى تۇرمۇش بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، مەركەزلەشتۈرۈش شەكلىدىكى ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنىڭ مۇھىتىنى تۈزەش ئالغا سىلجىتىلىپ، «مىڭ توننا، ئون مىڭ ئادەم» ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونىنى «ئايرىش، بېكىتىش، تۈزەش» ھەم مەسىلىلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش تەشكىللىك قانات يايدۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر - بازارلاردىكى يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش بويىچە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ يولغا قويدى، باغراش كۆلى ئېقىن رايونى قاتارلىق شەھەر - بازارلاردىكى يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك A ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى تولۇق تاماملاندى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردىكى تۇرمۇش يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىن جەمئىي 111ى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، بىرىنچى دەرىجىلىك A قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكەن يۇندى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسىدىن 75ى بولۇپ، بارلىق ناھىيە، شەھەر، شەھەر - بازارلارنى تۇرمۇش يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئالغا سىلجىتىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 3119 كۆلەملىك باقمىچىلىق مەيدانى( رايونى)غا چىقىرىندىلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئەسلىھەلەرنى سەپلەش نىسبىتى %90تىن ئاشتى.

باغراش كۆلى، ئۇلۇنگۇر كۆلى، ئېبنۇر كۆلى قاتارلىق نۇقتىلىق كۆل - ئامبار ئېقىن رايونلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشتا، ئۆلچەمگە يەتمىگەن سۇنى تۈزەش تېز ئالغا سىلجىتىلدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار شەھەرلەردىكى مەينەت، سېسىق سۇنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سانائەت توپلاشقان رايونلارنىڭ يۇندىنى مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە شەھەرلەردىكى يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرىنى ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشكە تېز تۈرتكە بولۇپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ مەينەت، سېسىق سۇنى تۈزەش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ «مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئونمىڭ كەنتنى تۈزەش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يېزىلاردىكى تۇرمۇش يۇندىسىنى تۈزەش تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى