تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %13 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە كەسپى ئاپتونوم رايوننىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، پەرقلىق پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كونا - يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشى ۋە سانائەتنى مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىغىچە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ساقلانما مىقدارى 3 تىرىليون 30 مىليارد يۈەن، خەلق پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلى تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇق سوممىسى 2 تىرىليون 50 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2016 - يىلىنىڭ بېشىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %62.9 ۋە %49.6 ئاشتى، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %13.0 ۋە %10.6 ئاشتى.

مەۋقەنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى تەلىپىگە قويۇپ، خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى يېشىل پۇل مۇئامىلە، ساياھەت پۇل مۇئامىلىسى، پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ يۆنىلىشنى چۆرىدەپ، يۇقىرى، يېڭى پەن - تېخنىكا، ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، پۇقراۋى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە قارىتا، ئۇدا كۆپ يىل پەرقلىق يېتەكچى پىكىر ۋە ئالغا سىلجىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ، سانائەتنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنىڭ ئېشىشىغا، كېمىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى تەييارلىق پۇل فوندى نىسبىتىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىش، تەكرار قەرز پۇل بېرىش، تەكرار دىسكونت قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل پۇل سىياسىتى قورالىنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە ئىز قوغلاپ، كۆپ يول ئارقىلىق ئۇدۇللاشتۇرۇپ ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە بايلىقىنىڭ سانائەت كارخانىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ساھەسى ۋە ئاجىز ھالقىلىرىغا ئۈزلۈكسىز توپلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۇل ئەسلىھە، پۇقراۋى كىچىك، ئۇششاق كارخانا، ياسىمىچىلىقنىڭ قالدۇق سوممىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 524 مىليارد 910 مىليون يۈەن، 417 مىليارد 820 مىليون يۈەن، 204 مىليارد 110 مىليون يۈەن بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.3، %30.6 ۋە %10.6 ئاشتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى پەرقلىق مۇئامىلە قىلىدىغان، يۆلەشمۇ، تىزگىنلەشمۇ بولغان ئىناۋەتلىك قەرز پۇل سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بىلەن قوللاشنى ئازايتىپ، «مۇردا كارخانا»لارنىڭ تەرتىپلىك چېكىنىپ چىقىشىغا پائال تۈرتكە بولدى.

مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قۇرۇلمىسى جەھەتتە، خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللاش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. شىنجاڭ بانكىلار ئارا بازار زايومىنى سېتىشنى ئۈستىگە ئېلىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەلەپچانلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، سانائەتنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى. 8 - ئاينىڭ ئاخىرى، شىنجاڭدا جەمئىي 98 كارخانا بانكىلار ئارا زايوم بازىرىدا قەرز ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قورالىدىن 754 قېتىم(ساقلانما مىقدار)، 464 مىليارد 121 مىليون يۈەن(ساقلانما مىقدار) تارقاتتى، سانى، سوممىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2016 - يىلىنىڭ بېشىدىكىنىڭ 2.43 ھەسسىسى ۋە 2.41 ھەسسىسىگە تەڭ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى