تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بېيمېن، نەنمېن قاتارلىق جايلاردىكى يول يۈرۈش ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولدى

  ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز جاڭ دۇڭمېي خەۋىرى، ۋاڭ چىمىن فوتوسى): يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بېيمېن، نەنمېن قاتارلىق جايلاردىكى نۇرغۇن يوللاردا قاتناش شەكلىدە ئۆزگىرىش بولدى.

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى گۇاڭمىڭ يولىنىڭ غەربتىن شەرققە ماڭغان يۆنىلىشىدىكى بېيمېن يول ئېغىزىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى قۇرۇلۇش توسىقى ئېلىۋېتىلگەنلىكتىن، تاشيول بەشكە، يەنى، ئۈچ ئۇدۇل يۈرۈش ئاپتوموبىل يولى ۋە ئىككى سولغا بۇرۇلۇش ئاپتوموبىل يولىغا كۆپەيتىلىپ، بۇ جاينىڭ قاتناش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلگەن.

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى گۇاڭمىڭ يولىنىڭ غەربتىن شەرققە ماڭغان يۆنىلىشىدىكى بېيمېن يول ئېغىزىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى قۇرۇلۇش توسىقى ئېلىۋېتىلگەنلىكتىن، تاشيول بەشكە، يەنى، ئۈچ ئۇدۇل يۈرۈش ئاپتوموبىل يولى ۋە ئىككى سولغا بۇرۇلۇش ئاپتوموبىل يولىغا كۆپەيتىلىپ، بۇ جاينىڭ قاتناش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلگەن.

ئۈرۈمچى شەھىرى بېيمېن يول ئېغىزىنىڭ قاتناش كۆرسەتمە خەرىتىسى. (ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تىيانشان رايونلۇق چوڭ ئەترىتى ئازادلىق يولى ئوتتۇرا ئەترىتى تەمىنلىگەن)

  10-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12دە، مۇخبىر بېيمېن يولى ئېغىزىدا، گۇاڭمىڭ يولىدىكى شەرقتىن غەربكە ماڭغان يۆنىلىشتە بەش ئاپتوموبىل يولىنىڭ، يەنى، ئىككى سولغا بۇرۇلۇش ئاپتوموبىل يولى، ئۈچ ئۇدۇل يۈرۈش ئاپتوموبىل يولىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى كۆردى.

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق يولىدىكى غەربتىن شەرققە قاراپ ماڭغان يۆنىلىشتىكى، ئەسلىدىكى تىنچلىق شىمالىي يولى يۆنىلىشىگە قاراپ بارىدىغان ئاپتوموبىل يولىنىڭ ئارىسىدىكى بىر سولغا بۇرۇلۇش ئاپتوموبىل يولىنىڭ ئۇدۇل يۈرۈش ئاپتوموبىل يولىغا ئۆزگەرتىلىپ، ئەتىگەن ۋە كەچتىكى قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدىكى ئۇدۇل ماڭىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ قاتناش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، قىستاڭچىلىقنى ئازايتقان.

  «ئىلگىرى گۇاڭمىڭ يولىدىكى غەربتىن شەرققە ماڭغان يۆنىلىشتە بېيمېن يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە، پەقەت بىرلا سولغا بۇرۇلۇش ئاپتوموبىل يولى ۋە ئىككى ئۇدۇل يۈرۈش ئاپتوموبىل يولى بار ئىدى. ئەمما، بىر ئۇدۇل يۈرۈش ئاپتوموبىل يولى قۇرۇلۇش توسىقى تەرىپىدىن توسىلىپ قالغانلىقتىن، پىيادىلەرمۇ توساقنى بويلاپ يولدىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، ئاساسىي جەھەتتىن پەقەت بىر يېرىم ئاپتوموبىل يولىلا ئاپتوموبىللارنىڭ ئۇدۇل يۈرۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلگەنىدى. ئەتىگەن ۋە كەچتىكى قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە، گۇاڭمىڭ يولىنىڭ غەربىدىن شەرىققە ماڭغان يۆنىلىشىدىكى بېيمېن يول ئېغىزى بوغما يول بۆلىكىگە تەۋە بولۇپ، قاتناش دائىم توسۇلۇپ قالاتتى» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تىيانشان رايونلۇق چوڭ ئەترىتى ئازادلىق يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى چى لۇڭخەي: «ھازىر قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپ يول ئېغىزىدىكى يول توسۇقىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، گۇاڭمىڭ يولىدىكى غەربتىن شەرققە قاراپ ماڭغان يۆنىلىشتىكى ئاپتوموبىل يولى بەش ئاپتوموبىل يولىغا كېڭەيتىلدى، يول ئېغىزىدا سولغا بۇرۇلۇش ئاپتوموبىل يولىدىن ئىككىسى ۋە ئۇدۇل يۈرۈش ئاپتوموبىل يولىدىن ئۈچى بار بولۇپ، يول ئېغىزىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ قاتناش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، گۇاڭمىڭ يولىدىكى غەربتىن شەرققە قاراپ ماڭغان يۆنىلىشتە قاتناش راۋانلىشىپ، بۇ رايوندىكى يول يۈرۈش بېسىمى زور دەرىجىدە يېنىكلىدى. نۆۋەتتە، بۇ يول بۆلەكلىرىدىكى قاتناش بەلگە سىزىقلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلمەكتە».

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق يولىدىكى شەرقتىن غەربكە ماڭغان يۆنىلىشتىكى ئوڭغا بۇرۇلۇپ ئۇدۇل يۈرگەندىكى تىنچلىق شىمالىي يولىغا قاراپ ماڭغان يۆنىلىشتە، ئوڭغا يانداش بىر ئاپتوموبىل يولى ئۇدۇل يۈرۈش + ئوڭغا بۇرۇلۇش ئاپتوموبىل يولىغا ئۆزگەرتىلىپ، ئوڭغا بۇرۇلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈش نىسبىتىنى ئۆستۈردى.

  نەنمېن تەۋەلىك رايونى، خەلق يولى شەرقتىن غەربكە ماڭغان تىنچلىق شىمالىي يولىغا بارىدىغان يۆنىلىشتىكى ئاپتوموبىل يولىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى. مۇخبىر نەق مەيداندا، خەلق يولىدىكى غەربتىن شەرققە قاراپ ماڭغان يۆنىلىشتە تۆت ئاپتوموبىل يولى، يەنى ئۈچ ئۇدۇل يۈرۈش ئاپتوموبىل يولى ۋە سولغا بۇرۇلىدىغان بىر ئاپتوموبىل يولىنى كۆردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇ جايدا ئىككى سولغا بۇرۇلۇش ئاپتوموبىل يولى ۋە ئىككى ئۇدۇل يۈرۈش ئاپتوموبىل يولى بار ئىدى، ھەر كۈنى كەچتىكى قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە، ئۇدۇل ماڭىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئېقىم مىقدارى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، دائىم توسۇلۇپ قالاتتى. «بىز بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سولغا بۇرۇلۇش ئاپتوموبىل يولىنى ئۇدۇل يۈرۈش ئاپتوموبىل يولىغا تەڭشەپ، ئۇدۇل يۈرىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈش نىسبىتىنى ئاشۇردۇق، ھازىر كەچتىكى قاتناش قىستاڭچىلىقى ئىلگىرىكىدىن كۆپ راۋانلاشتى» دېدى چى لۇڭخەي.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلق يولى شەرقتىن غەربكە ماڭغان تىنىچلىق شىمالىي يولىغا بارىدىغان يۆنىلىشتىكى يول ئېغىزىدىكى ئاپتوموبىل يولىمۇ تەڭشەلدى، ئىلگىرى ئۈچ ئۇدۇل يۈرۈش ئاپتوموبىل يولى، بىر ئوڭغا بۇرۇلۇش ئاپتوموبىل يولى بار ئىدى، ھازىر ئىككى ئۇدۇل يۈرۈش، بىر ئوڭغا بۇرۇلۇش ۋە بىر ئۇدۇل يۈرۈش ئاپتوموبىل يولى + ئوڭغا بۇرۇلۇش ئاپتوموبىل يولى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى، بۇنداق بولغاندا بىر ئوڭغا بۇرۇلۇغش ئاپتوموبىل يولى كۆپىيىدۇ. ئاپتوموبىللار يېشىل چىراغتا ئۇدۇل ماڭغاندا، يەر يۈزىدىكى بەلگە سىزىقى بويىچە ئۇدۇل ماڭىدىغان ئاپتوموبىل يولىدىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ، تىنچلىق شىمالىي يولىغا مېڭىپ، ئوڭغا بۇرۇلۇش قاتناش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

10-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق يولى بىلەن تىنچلىق شىمالىي يولى يول ئېغىزىدا، يول يۈرۈش شەكلى ئەلالاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ يەردە ئەتىگەن ۋە كەچتىكى قاتناش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە قاتناش قىستاڭچىلىقى ئۈنۈملۈك ئازايتىلدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى تىيانشان رايونلۇق چوڭ ئەترىتى تەشۋىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى نىڭ جياڭخەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بېيمېن، نەنمېن رايونىدىن باشقا، شوربۇلاق 1-كوچىسىدىكى شەرقىي بۇلاق يولىدىن سۈيچۈەن يولىغىچە بولغان يول بۆلەكلىرىدە قوش يۆنىلىشلىك قاتناش ئەسلىگە كېلىپ، ئەتراپتىكى ئورۇن، ئاھالىلەرنىڭ يول يۈرۈش بېسىمى ئۈنۈملۈك پەسەيتىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى قۇرۇلۇش قىلىنغاچقا، بۇ يول شەرقتىن غەربكە قاراپ تاق يۆنىلىشلىك يول بولۇپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، شەرقىي ئىككىنچى ئايلانما يول قۇرۇلۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۇڭدالياڭ شەرقىي كوچىسىدىمۇ كېلەر چارشەنبە كۈنى قاتناش ئەسلىگە كېلىدۇ.

  نۆۋەتتە، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىكى قاتناش ساقچى تارماقلىرى پۈتۈن شەھەردىكى ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە غول يوللارنىڭ ئاپتوموبىل ئېقىمىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ، تەھلىل قىلىپ، توسۇلىدىغان يول بۆلەكلىرىنى بىر-بىرلەپ رەتلىگەندىن كېيىن، يۈرۈش ئۇسۇلى، سىگنال چىراغلىرىنى سەپلەش قاتارلىقلارنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، قىش پەسلىدە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى