تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«گۈلخانىدىكى موماي»نىڭ خۇشپۇراق كەسپى

«گۈلخانىدىكى موماي» زورەم سۇمەخمۇت گۈل پارنىكىدا ئالدىراش بولدى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چىن جىنلى، ئىختىيارىي مۇخبىر جۇ ۋېي خەۋىرى، فوتوسى): كۈز شامىلى غازاڭلارنى سۈپۈرىدىغان پەسىلدە، ئاتۇش شەھىرى سۇنتاغ يېزىسى ئۇنتۇساق كەنتىدىكى گۈل-گىياھ بازىسىدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى. 61 ياشلىق زورەم سۇمەخمۇت ئۆزىنىڭ «ئەتىۋارلىق گۈل»لىرىنى «كۈتۈش» بىلەن ئالدىراش ئىدى، ئۇ بىر تەرەپتىن سۇغىرىپ، بىر تەرەپتىن كۈلۈپ تۇرۇپ: «بۇ تۈركۈم خۇديېلەننى بىر شىركەت زاكاز قىلغان، يەنە بىر نەچچە كۈن پەرۋىش قىلىپ، ئاپىرىپ بەرسەك بولىدۇ.» زورەم يۇرتداشلار تەرىپىدىن «گۈلخانىدىكى موماي» دەپ ئاتالدى، ئۇنىڭ گۈل-گىياھ بازىسىنىڭ كۆلىمى چوڭ، تىجارەت ۋاقتى ئۇزۇن بولغاچقا، شۇ جايدا خېلى نامى بار ئىدى.

  زورەم بەش مو كېلىدىغان پارنىكقا نەچچە يۈز خىل گۈل-گىياھ تېرىدى، 10 نەپەر كەنت ئاھالىسىنى ئۇزاق مۇددەتلىك تەكلىپ قىلدى. «گۈل تېرىش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۈگۈنكى كۈندە تەرەققىي قىلىپ مېنىڭ كەسپىم بولۇپ قالدى! ئۆزۈم ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈپلا قالماي، يەنە يۇرتداشلارغىمۇ ياردەم قىلالايمەن، مەن ھازىرقى تۇرمۇشۇمدىن ئىنتايىن رازى.» دېدى زورەم.

  ئۇنىڭ گۈل تېرىش ماھارىتى يىراق-يېقىنغا تونۇلدى

  30 نەچچە يىل ئىلگىرى، زورەمنىڭ تەقدىرى گۈل بىلەن باغلانغانىدى. «ئۇ چاغدا چىرايلىق گۈللەرنى كۆرۈش بەك تەس ئىدى، ئەمما مەن گۈللەرگە ئامراق ئىدىم، شۇڭلاشقا ئازراق گۈل ئۇرۇقى تېپىپ ھويلىغا تېرىغانىدىم.» زورەم شۇنداق دېدى.

  گۈل-گىياھلار ئۆينى چىرايلىق بېزىسە، زورەم تولىمۇ خۇشال بولىدۇ. ئۇنىڭ چوڭ قىزى گۈزەلنىڭ  ئېسىدە قېلىشىچە، كىچىكىدىن باشلاپ ئۆيدە گۈل-گىياھ ئۈزۈلۈپ باقمىغانىدى، «ھويلىغا تەشتەكلىك گۈللەر لىق توشاتتى، قوشنىلارمۇ دائىم گۈل تاماشا قىلغىلى كېلەتتى. قىشتا تەشتەكلىك گۈللەرنى ئۆيگە كۆچۈرۈپ كىرەتتۇق، بەزىدە تەشتەكلىك گۈلنىڭ كۆپلىكىدىن پۇت قويغۇدەك يەر تاپالماي قالاتتۇق، لېكىن ئانام بىرەر تەشتەكنى تاشلىۋېتىشقىمۇ قىيالمايتتى.» گۈزەلنىڭ دېيىشىچە، كېيىن ئۆيدە گۈل قويىدىغانغا مەخسۇس بىر ئۆي سالغان، ئەمما ئۇ ئۆيمۇ ناھايىتى تېزلا توشۇپ سىغدۇرالماي قالغان.

  گۈزەل مۇنداق دېدى: نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ئانام سىرتقا چىقىپ بازار ئايلانغاندا گۈل سېتىۋېلىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ، بەزىدە باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قالغىنىدا، ئۆزىنىڭ ئۆيىدە يوق سورتلارنى كۆرۈپ قالسا، كۆچۈرۈپ ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قانداق تېرىش توغرىسىدا ئالدىرىماي ئويلىنىدۇ. ئۇ يەنە دائىم غۇلجا، كورلا، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ياردەملىشىپ گۈل ئۇرۇقى سېتىۋېلىپ بېرىشىنى سورايدۇ.

  زورەمنىڭ گۈلگە بولغان قىزىقىشى يەنە تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرۈشىدە ئىپادىلىنىدۇ، ئىلگىرى ئالاقە تورى تەرەققىي قىلمىغان چاغلاردا، ئۇ دائىم گۈل-چېچەك تېرىقچىلىقىغا ئائىت كىتابلارنى سېتىۋېلىپ كۆرەتتى. گۈزەل باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا، ئانىسى ئۇلاشنى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بەش خىل رەڭلىك ئەتىرگۈل تۈپىنى يېتىشتۈرگەن.

  شۇنىڭدىن باشلاپ، زورەمنىڭ گۈل تېرىشتىكى ماھارىتى يىراق-يېقىنغا تونۇلدى. «كىشىلەر دائىم كېلىپ گۈل سېتىۋالماقچى بولىدۇ، ئەمما ئاپام قەتئىي پۇل ئالغىلى ئۇنىمايدۇ، يەنە <قايسى تەشتەكنى ياقتۇرغان بولسىڭىز ئېلىپ كېتىڭ! دەيدۇ» دېدى گۈزەل.

زورەمنىڭ گۈل-گىياھ لامپىلىرىنىڭ بىرى.

  كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش

  2008-يىلى، تۆت بالىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن، زورەم گۈل-گىياھ تىجارىتى قىلىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، ئېرى بىلەن ئېتىزلىقىغا ئىككى گۈل لاپىسى سېلىپ، گۈل-گىياھ تېرىقچىلىقى قىلىشقا ئىشلەتتى.

  «ئۇ چاغدا، ئاتا-ئانام دائىم ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ شەھەر رايونىدىكى كوچا-يوللارغا گۈللەرنى ئېلىپ بېرىپ سېتىپ، كۆپ جاپا چەكتى. ئانام گۈل بېقىشقا تايىنىپ بىز ئاچا-ئىنى تۆتىمىزنى داشۆدە ئوقۇتتى.» دېدى گۈزەل، ئاتا-ئانامنىڭ گۈل سېتىشى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىشقا باشلىدى.

  كېيىن، زورەم قىزىغا ئەگىشىپ تورغا چىقىشنى ئۆگىنىۋالدى، ئۇ تور ئارقىلىق ھەر خىل گۈل تېرىش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى سورتلارنى تېرىشنى سىناپ باقتى، گۈللەرنىڭ تۈرى بارغانسېرى كۆپەيدى. ئۇ گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردىن قايتا-قايتا كۆچەت گۈل-گىياھ كىرگۈزۈپ، يەنە بىر يىلدىن ئىككى يىلغىچە سەۋرچانلىق بىلەن يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز جايىنىڭ ئۆسۈش مۇھىتىغا ماس كېلىدىغان سورتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى، «يېڭى سورتنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %80تىن ئاشقاندا، بىز ئاندىن سېتىشنى كېڭەيتتۇق. مېنىڭچە سېتىلغان ھەر بىر تەشتەك گۈلدە خېرىدارلارغا يۈز كېلەلىشىمىز كېرەك.» زورەم شۇنداق دېدى.

  گۈل-گىياھ تېرىشتىن باشقا، زورەم مېۋە دەرىخى پەرۋىش قىلىشنى تەرەققىي قىلدۇردى، ئۇ ئۆستۈرگەن ئەنجۈر، ئانار كۆچەتلىرى شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى خېرىدارلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ھازىر، ئۇنىڭ گۈل-گىياھلىرى، مېۋە كۆچەتلىرى ھەر يىلى نەچچە يۈز مىڭ يۈەن كىرىم ئېلىپ كېلەلەيدۇ. گۈل-گىياھ كەسپىنى بارغانسېرى زورايتقاچقا، يۇرتداشلار ئۇنى يېقىن كۆرۈپ «گۈلخانىدىكى موماي» دەپ ئاتىدى.

  زورەمنىڭ گۈل-گىياھ كەسپى ئۇنتۇساق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنتۇساق كەنتىنىڭ ياچېيكا شۇجىسى جۇ جىدۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر گۈل-گىياھ بازىسىدا مۇقىم خىزمەت قىلىۋاتقان كەنت ئاھالىسى 10 نەپەر بولۇپ، ئەڭ ئالدىراش بولغاندا 20 ئادەمدىن ئاشىدۇ. زورەم كەنتتىكى گۈل ئۆستۈرۈش مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنت ئاھالىلىرىگە گۈل تېرىش تېخنىكىسى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بېيىشىغا شارائىت يارىتىپ بەردى.

  خانقىز ياسىن ئىلگىرى كەنتتىكى نامرات ئائىلە ئىدى، ئۇ گۈل-گىياھ بازىسىدا ئىشلەۋاتقىلى ئىككى يىل بولدى، «سىرتقا چىقىپ ئىشلىمىسەممۇ بولىدۇ، ئائىلەمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقىمۇ قولايلىق، ھەر ئايدا 2000 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلالايمەن، زورەم ئاچامنىڭ ماڭا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بەرگىنىگە رەھمەت، زورەم دائىم ئۇلارغا سەۋرچانلىق بىلەن گۈل تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىدۇ، مەن بىر كۈنلەردە ئۇنىڭغا ئوخشاش گۈل تېرىش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەشنى ئۈمىد قىلىمەن.» دېدى خانقىز.

  «كېلەر يىلى مەن گۈل پارنىكىنىڭ سانىنى داۋاملىق كۆپەيتىشنى ئويلاۋاتىمەن، كەسىپنى تېخىمۇ زورايتقاندا تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنىڭ <گۈل> سودىسى قىلىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.» دېدى زورەم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى