تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

ئەنخۇينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى: ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نەتىجىسى مول بولدى

  خەلق تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى، مەمۇرىي مەھكىمە ۋىلايەتلىك ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى يىغىندا ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ تىپىك تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشىتابى «شەرقىي، غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا بولغان تەسىرىنى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بېرىپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى قانات يايدۇرۇپ، بايرىقى روشەن پوزىتسىيە، كەم-كوتسىز سالماق بىلەن، ئەنخۇي، شىنجاڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتۈپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى مۇھىم تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سېتىش، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى مەخسۇس سىنىپى قۇرۇپ، «تۆتنى كىرگۈزۈش، تۆتنى راۋانلاشتۇرۇش» بويىچە سېتىش، ياردەم بېرىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، «تۆت بىر نۇقتا» ئىستېمالغا ياردەم بېرىش-يۆلەش يانداش سىياسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «369» ئەنخۇي بىۋاسىتە قاتناش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىستېمال ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىشلەپ، خوتەن گۇما ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بەردى. 1-ئايدىن 10-ئايغىچە ، ئەنخۇي ئۆلكىسى خوتەن گۇما ناھىيەسىنىڭ 27 مىڭ توننا تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بەردى، ياردەم قىلغان سېتىش سوممىسى 450 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

  كېيىنكى قەدەمدە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشىتابى مەركەزنىڭ 3-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سېتىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى «14-بەش يىل»دىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسى قىلىپ پىلانلاپ، خوتەننىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ياردەم بېرىش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ ، 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ، يەنە 12 مىڭ توننا چارۋا ، ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ياردەم بېرىش، 20 مىڭ توننىدىن ئارتۇق باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىگە تېگىشلىك تۆھپە قوشىدۇ. (ۋاڭ يۈلۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى