تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

قەشقەر ۋىلايىتى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدىن ئۈچنى يېڭىدىن كۆپەيتتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ خەۋىرى): 10-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى، يەكەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى، قاغىلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىدىن ئىبارەت ئۈچ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى قانات يايدۇرغان.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ ئۈچ مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى يەرلىك پۇراققا ئىگە بولۇپ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەم بىلىم ئۆگىتىدىكەن، ھەم ماھارەت ئۆگىتىدىكەن، بۇ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە پايدىلىق ئىكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە، مارالبېشى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى تەسىس قىلغان كەسىپلەر كىيىم لايىھەلەش ۋە ھۈنەر ـ سەنئەت، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش ۋە رېمونت قىلىش، بىناكارلىق بېزەكچىلىكى، چاچ ياساش ۋە ئوبراز لايىھەلەش، جۇڭگوچە تاماق ئېتىش ۋە ئوزۇقلۇق تائاملىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت؛ يەكەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى تەسىس قىلغان كەسىپلەر كىيىم لايىھەلەش ۋە ھۈنەر ـ سەنئەت، بىناكارلىق بېزەكلىرى، ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلىتىش ۋە رېمونت قىلىش، چاچ ياساش ۋە ئوبراز لايىھەلەش، جۇڭگوچە تاماق ئېتىش ۋە ئوزۇقلۇق تائاملىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت؛ قاغىلىق ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپى تەسىس قىلغان كەسىپلەر كىيىم لايىھەلەش ۋە ھۈنەر ـ سەنئەت، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش، ئاپتوموبىل كوزۇپىنى رېمونت قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا، كەپشەرلەش تېخنىكىسىنى قوللىنىش، جۇڭگوچە تاماق ئېتىش ۋە ئوزۇقلۇق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، كەسپىي مائارىپ جەھەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «كەسپىي مائارىپنىڭ بىر ئۇچى مەكتەپكە، بىر ئۇچى كارخانىغا مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنى بىرەر ماھارەتكە ئىگە قىلىپ تەربىيەلەپ، ئائىلىسىنى تېزدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئۇزاق مۇددەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. كېيىنكى قەدەمدە، بىز نۇقتىلىق ھالدا ھەر بىر ناھىيەدە بىر ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ قۇرۇپ، ئىچكىرى رايونلاردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكىلەر بىلەن كەسپىي مائارىپ ھەمكارلىقى ئورنىتىش ئارقىلىق، ئىچكىرى رايونلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتۇش بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى تېز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەيمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى