تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

گۇچۇڭ: نامراتلارنى يۆلەش سېخى بېيىشقا يېڭى يول ئاچتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر بەي يۈنفېڭ): 10-ئاينىڭ 19-كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسى گۇچۇڭ بازىرى كارۋان چامادان-سومكا زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار جىددىي، تەرتىپلىك ھالدا چامادان-سومكا، خۇرجۇن، قورال-سايمان سومكىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ياساۋاتاتتى.

  كارۋان چامادان-سومكا زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى مەخمۇت زۇنۇن مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز تارباغاتاي، ئىلىغا ئەۋەتىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتىمىز، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، زاۋۇتىمىزنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى چوڭايدى، ھازىر جەمئىي 20 نەپەر نامرات ئاھالىنى ۋە مېيىپنى زاۋۇتقا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدۇق».

  2018-يىلى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ گۇچۇڭ بازىرى لىخۇاجيەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «ئىشقا ئورۇنلىشىش ھەمبەھىرە زەنجىرى بىرلەشمە تۈرى»نى يولغا قويۇپ، جىمىسار ناھىيەسى جىڭشيۇ كىيىم-كېچەك شىركىتىنى كىرگۈزۈپ، تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، بىر «نامراتلارنى يۆلەش كىچىك سېخى»غا ھەر يىلى 20 نەچچە نەپەر ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلغان، كىچىككىنە «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» كارخانا ۋە نامرات ئامما ئوتتۇرىسىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سەھنىسىگە ئايلىنىپ، مەھەللىدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەرگەن.

  گۇچۇڭ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بەي يۈن مۇنداق دېدى: «بۇ يىلدىن بۇيان، گۇچۇڭ بازىرى 11 مەيدان قېتىم ئىشقا ئورۇنلىشىش تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئويۇشتۇردى، نامراتلارنى يۆلەش سېخى تەسىس قىلىش ئارقىلىق نامرات ئائىلىلەردىكى 200دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا مېڭىشىغا ياردەم بەردى».

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇچۇڭ ناھىيەسى شۇ جايدىكى كارخانىلارنى نامراتلارنى يۆلەش سېخى قۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى پىرىنسىپ، خاس كەسىپلەرنى تىرەك، نامراتلارنى يۆلەش سېخىنى ۋاسىتە قىلغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش يېڭى يولىدا ماڭدى. نۆۋەتتە، گۇچۇڭ ناھىيەسىدە نامراتلارنى يۆلەش سېخىدىن 14ى قۇرۇلۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئەمگەك كۈچلىرى ۋە شەھەر-بازارلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەردىن 323 كىشىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى