تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۈرۈمچى شەھەر شىمالىي غول يولىدا سەككىز ئاپتوموبىل يۈرۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانلاندى

9-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى چاڭچۈن شىمالىي يولى بىلەن شەھەر شىمالىي غول يولى كىسىشكەن جايدىكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، ئىشچىلار يولنى ئاسفالىتلاشتۇرماقتا.(مۇخبىر جياڭ شياۋ، پىراكتىكانت ليۇ ياچى فوتوسى)

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەۋىرى(مۇخبىر ۋاڭ يۈەنيۈەن): ھازىر ئۈرۈمچى شەھەر شىمالىي غول يولى(جۇڭيا يولى-خېتەن يولى) ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشىدا توسۇقنى چېقىش، ئاسفالىتلاشتۇرۇش، يول يۈزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ. مۆلچەرلىنىشچە، 10-ئاينىڭ 31-كۈنى شەھەر شىمالىي غول يولىدا سەككىز ئاپتوموبىل يۈرۈش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.

  شىمالىي غول يول(جۇڭيا يولى-خېتەن يولى) ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى قۇرۇلۇشى شەھەر شىمالىي غول يولىنى بويلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، غەربتە جۇڭيا يولىدىن شەرقتە خېتەن يولىغىچە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 9.2 كىلومېتىر.

  شىنجاڭ ۋېيتەي گۇرۇھى شەھەر شىمالىي غول يولى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى تۆت ئۆلچەملىك تۈرنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ نيەنشيۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بۆلەك چاڭچۈن يولى ئېغىزىدىن شەرقىي ۋوگزال يولى ئېغىزىغىچە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2.4 كىلومېتىر كېلىدىكەن، ھازىر ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسى تاماملانغان، 10-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە توسۇقلار ئېلىۋېتىلىپ، 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ئارقا-ئارقىدىن قاتناش باشلاش پىلانلانغان.            «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى