تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو كوناشەھەر ناھىيەسىگە بېرىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ زەمىن يېزىسى 3 - كەنتىدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئۆيىدە تۇرۇۋاتقانلارغا بولغان مۇلازىمەت كاپالىتى، ئاممىۋى مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىگە بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

كوناشەھەر ناھىيەلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىدا، چېن چۈەنگو ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، سىن ئارقىلىق مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، تۇرمۇش مۇلازىمىتى كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە مەنبەدىن تىزگىنلەپ، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك. مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ تۇرمۇش مۇلازىمىتى كاپالىتىنى ئىنچىكە، ئەتراپلىق، ياخشى ئىشلەپ، ساغلاملىقنى كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەملىكى، كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ زەمىن يېزىسى 3 - كەنتىگە كېلىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى زىيارەت قىلىپ رەتكە تۇرۇغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئۆيىدە تۇرۇۋاتقانلارغا بولغان مۇلازىمەت كاپالىتى، ئاممىۋى مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرىدا دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، تازىلاشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇ - تەلىپى ۋە قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ھەل قىلىپ، ئامما خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى تەدبىرلىرىنى ئائىلىگىچە، ئادەمگىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرىنچى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

چېن چۈەنگو كوناشەھەر ناھىيەسى كوئېنلۇن باغچە رايونى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ماددىي ئەشيا زاپىسى، مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ۋە تەقسىملەپ يەتكۈزۈش كاپالىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ بازار تەمىناتى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ۋاقتىدا ئۇدۇللىشىپ، تەمىنلەش تۈرلىرىنى موللاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ۋاقتىدا جايىغا تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ، ھەقىقىي تۈردە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، كەم - كوتسىز ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك. دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇشقا كۈچەپ، مۇداپىئە سېپىنى زىچ، پۇختا توقۇپ، گۇرۇپپىلارغىچە ھۆددىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئائىلىلەرگىچە زىممىگە ئېلىپ، كەسپىي ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئامما ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ كۈچىنى تولۇقلاپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ساغلاملىقنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى ياخشى ئىشلەپ، مەنبەدىن ئۈنۈملۈك ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك. مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇشقا كۈچەپ، دېزىنفېكسىيەلەش بويىچە تەربىيەلەش ۋە ماددىي ئەشيا زاپىسىنى ياخشى ئىشلەپ، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يۇقۇم نۇقتىسى، يۇقۇم رايونىنى ئاخىرقى ئۇچ ئۆلچىمىدە دېزىنفېكسىيەلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش جەريانىدىكى سۈپەت ۋە تىزگىنلەشنى چىڭىتىش كېرەك؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، شەھەر، يېزا مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تېببىي كۆزىتىشنى چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇشقا كۈچەپ، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىدىكى سالامەتلىكنى سەييارە تەكشۈرۈش، مۇلازىمەت كاپالىتى، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، تازىلاش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەشنى ئىلمىي، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن جەريانلىق يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئەلا مۇلازىمەتنى چىڭ تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش، ئىنچىكە تۇتۇشقا كۈچەپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى تۇغقىنىدەك كۆرۈپ، مېھىر - مۇھەببەت بىلەن، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئامما خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسى، ھال - ئەھۋالىنى قەلبكە پۈكۈپ، «كۆك - تاق» «ئاشلىق»قا مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆكتات، گۆش، تۇخۇم، سۈت، ئاشلىق قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىناتىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، دوختۇرغا كۆرۈنۈش، داۋالىنىش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى زىيارەت قىلىش، يوقلاش ۋە ئۇلارغا زۆرۈر ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى چوڭقۇر، ئىنچىكە ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى پېڭشىن، ۋاڭ مىڭشەن، ليۇ سۇشې، ياڭ يۇڭ، ما گوۋېي قاتارلىقلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.