تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇلۇغ غەلىبىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قاينام - تاشقىنلىققا تولغان ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىدا، قەھرىمان جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى ياراتتى. ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھى زامان - ماكاندىن ھالقىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ تۇردى، ئۇنى جەزمەن مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ ۋارىسلىق قىلىش، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر مۇنداق بىلدۈردى: ئۇلۇغ غەلىبىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىمىز!

10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىزىل ئارمىيە شىسىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر يىغىننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئەستايىدىل كۆرگەندىن كېيىن، بىر مەيدان ئۆزگىچە نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بۇلتۇر «خەلقئارا ھەربىي ئىشلار مۇسابىقىسى − 2019» «چىڭكۇڭ» ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسمى تۈرىدە ئالتۇن مېدال ئالغان مەلۇم قىزىل ئارمىيە تۇەنى «ھاۋا مۇداپىئەسىدىكى ئۆتكۈر شەمشەر قەھرىمانلار ليەنى»نىڭ شاڭشىسى لى بۇجېڭ مۇنبەرگە چىقىپ، سەپداشلىرى بىلەن بىللە ليەن تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتتى. بۇ ھاۋا مۇداپىئە ليەنى ئەسلىدىكى 26 - جۈن 77 - شى توپچىلار تۇەنىنىڭ مەلۇم ليەنى بولۇپ، 1950 - يىلى 10 - ئايدا تەشكىللەپ قۇرۇلغاندىن كېيىن دەرھال چاۋشيەن جەڭ مەيدانىغا ئاتلانغان، 1951 - يىلى 2 - ئايدىكى 4 - قېتىملىق جەنيىنىڭ 2 - باسقۇچلۇق ئۇرۇشىدا، دوست ئارمىيەنىڭ يۆتكىلىشىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن، سان جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە دۈشمەن ھاۋا ئارمىيەسىگە قەيسەرلىك بىلەن زەربە بەرگەن، ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىسى قۇربان بولغان. سەپداشلار بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، پىششىق مەشىق قىلىپ، جەڭگىۋارلىقىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىمىز.

ئالى ئېگىزلىكى، چېگرا مۇداپىئە بىرىنچى سېپىدە مانېۋىر ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم ئوت كۈچى تۇەنىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشى چېكىگە يەتكەندە چوقۇم قارشى تۇرۇش كېرەك، يول قويۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا باشقىلار ھەر قەدەمدە بوزەك قىلىدۇ». بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق، جاھانگىرلار يېڭى جۇڭگوغا قورال كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى سىناشقا ھەرگىز جۈرئەت قىلالمايدىغان بولدى، يېڭى جۇڭگو ھەقىقىي تۈردە مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇردى. پىدائىي قىسىمنى ئۈلگە قىلىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان جەڭ قىلىش ماھارىتىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھاياتىي بەدىلىگە كەلگەن، تەستە قولغا كەلگەن تىنچلىقنى ياخشى قوغداپ، تاغ - دەريالارنى ئامان ساقلايمىز، ئائىلە دۆلەتكە ئەمىنلىك ئېلىپ كېلىمىز.

بىپايان چۆللۈكتە، قۇملۇقتا تۇتۇش - يوقىتىش، تاغلىق رايوندا قوغلاپ تۇتۇش قاتارلىق تۈر مەشىقلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن قانات يايدۇردى − قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى خوتەن تارماق ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئەمەلىي جەڭ مەشىقى ئارقىلىق رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغىدى. 20 - نۆۋەتلىك «جۇڭگو قوراللىق ساقچى قىسمىدىكى ئون چوڭ سادىق قوغدىغۇچى» قۇربان داۋۇت ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم باش قومانداننىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئىلگىرىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ماھارىتىنى تاۋلاپ، بىر بۇيرۇق چۈشكەن ھامان، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».

10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرىنى يىغىننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرۈشكە تەشكىللىدى. خەلق ساقچىسى ئەسقەر ئابلىز مۇنداق دېدى: «بىز ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئىلگىرىلەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەپ، خىزمەتتە جاپادىن، ھېرىپ - چارچاشتىن قورقماي، ئاممىنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىش داۋامىدا پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىمىز».

(مۇخبىر جېڭ يىيۈەن، قىسىمدا تۇرۇشلۇق مۇخبىر ۋاڭ گويىن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شى جۈنجيې، ۋاڭ خەيشەن، ۋاڭ جىچاۋ، فەن جۈن، يىن تىڭتىڭ، نيۇ بىن، تاڭ لىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى