تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بۇرچىن ناھىيەسى قىزىل يار كەنتى خەلقنى بېيىتىش يولىدا ماڭدى

  ئانار بۇلۇت خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەت يۇقىرى پەللىسى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ساياھەت قىزغىنلىقى تېخى پەسەيمىدى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، چىلىتەن مەنزىرە رايونىنىڭ يېنىدىكى ئېگىز تۆپە يېزىسى قىزىل يار كەنتى يەنە ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلدى ھەم بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىگە مەپتۇن بولدى.

  قىزىل يار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سايراگۈل سۇلتانقان 2018-يىلى تېرىقتالا ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپلا قالماي، ھەر يىلى ئۇ يەنە تۈرلۈك تەربىيەلەش كۇرسلىرى ئارقىلىق بىرقانچە ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولدى. كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سايراگۈل سۇلتانقان بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقى ئېلىپ كەلگەن ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاشپەزلىك ھۈنىرىگە تايىنىپ، ئۆز ھويلىسىدا چارۋىچىلار شادلىق ئارامگاھى قۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىپ، ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇردى.

  دەسلەپتە دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقاندا، سايراگۈلنىڭ ئانچە ئىشەنچىسى يوق ئىدى، پۇل تاپالايدىغان ياكى تاپالمايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، نەتىجىدە 2018-يىلى يەنى شۇ يىلدا 1000دىن ئارتۇق ئادەم كۈتۈۋېلىپ، ساپ كىرىمى 50 مىڭ يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن سايراگۈل 2019-يىلى پۈتۈن ھويلا-ئاراننى تەرەققىي قىلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قورۇما تۈرلىرىنى كۆپەيتتى، 2019-يىلى كۈتۈۋالغان ئادەم سانى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر ھەسسە ئېشىپ، 2000 كىشىگە يەتتى، ساپ پايدىسىمۇ 110 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بۇ يىل، سايراگۈل چارۋىچىلار ئارامگاھىنىڭ كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش ھۈنىرى ھەم تىجارەت باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ياخشى ئاساس سالدى.

  «بۇ يىلقى قوش بايرامدا، دېھقانلار ئارامگاھى ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئارامگاھ كۈندە لىق ئادەم بىلەن تولدى، كۈنىگە ئىككى مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىپ، دەم ئېلىش مەزگىلىدە 15مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم.» دېدى سايراگۈل.

  قىزىل يار كەنتى «چىلىتەن بېلىقچىلىق كەنتى» مەنزىرە رايونىدىن پايدىلىنىپ، شۇ جايدىكى چارۋىچىلارنى ئامانلىق ساقلاش، مۇلازىمەتچى، باقمىچى، تازىلىق ئىشچىسى قىلىپ، «ئۆيىدىن ئايرىلسىمۇ كەنتتىن ئايرىلماسلىق، ئۆيدىن چىقىپ زاۋۇتقا بېرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى، ئالتە نامرات ئامما مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى. يايما ئورنى ئارقىلىق «بىر تۈركۈم» كىشىنى يېتەكلەپ، بېلىقچىلىق كەنتى دەرۋازىسى ئالدىدا يېڭىدىن 20 ساياھەت يايما ئورنى قۇردى ھەم چارۋىچىلارنى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە ساياھەت خاتىرە بۇيۇمى سېتىش بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ، 20 ئائىلىلىك چارۋىچىنىڭ ئۆز جايىدا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولدى. خېرىدار مەنبەسى ئارقىلىق «بىر تۈركۈم»كىشىنى يۆلەش، يولۇچى مەنبەسىنى تارقاقلاشتۇرۇش، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، يەرلىكتىكى چارۋىچىلارنىڭ قازاق مىللىتىنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ئىگە چارۋىچىلار ئارامگاھى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، چارۋىچىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئۆزئارا پايدا ئېلىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى. 2019-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، جەمئىي 21 ئائىلىلىك ئۆلچەملەشكەن مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى تەرەققىي قىلدۇردى.

  ھازىر، قىزىل يار كەنتىدە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان 41 ئائىلىلىك چارۋىچى بار بولۇپ، «چىلىتەن» چارۋىچىلار ئارامگاھى جەمئىيىتى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، جەمئىيەتنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە بېيىشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2020-يىلىدىن بۇيان، قىزىل يار كەنتى جەمئىي 50 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەت كىرىمىنى 1 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، 41 ئائىلىنىڭ كىرىم قىلىشىغا تۈرتكە بولدى ھەمدە ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 30 مىڭ يۈەن ئاشۇردى.

  مەنبە: بۇرچىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، مۇخبىر: لو ياڭشۆ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى