تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش] قوشنىلار ئارا قول تۇتۇشۇپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىش

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ياۋ گاڭ خەۋىرى): «ئەركىن ئۇكام، تېخنىك خادىملار كەلدى، بىز ھازىر ئېتىزغا بارايلى.» 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى توپقان بازىرى توپقان كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاۋ زۈنسو تېخنىك خادىملارنى باشلاپ كەنت ئاھالىسى ئەركىن قادىرنىڭ ئۆيىگە كەلدى، ئىككىيلەن تېخنىك خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ ياڭاق دەرىخىنى چاتاشقا كېلىشكەنىدى.

  1994-يىلى، جاۋ زۈنسو خېنەندىكى يۇرتىدىن توپقان كەنتىگە كېلىپ ماكانلاشتى، شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ ئىككى ئائىلە كىشىلىرى 20 نەچچە يىللىق تونۇشلاردىن بولۇپ قالدى.

  يېڭى كەلگەندە، جاۋ زۈنسو كەنتتىكىلەر بىلەن ھەرىكىتى ۋە سەمىمىي تەبەسسۇمىغا تايىنىپ پىكىر ئالماشتۇردى. «ھەممە يەر ناتونۇش، گەرچە ئۇلارنىڭ تىلىنى بىلمىسەممۇ، ئۆي سېلىش، يەر تېرىشقا ئوخشاش ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئەتراپىمدىكى قوشنىلار ماڭا ياردەم قىلدى.» جاۋ زۈنسومۇ ئەتراپتىكى قوشنىلىرىغا ياردەملىشىپ ھويلا تېمى ياسايدىغان ئىشلارنى قىلىپ، قوشنىلارنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياردىمىگە جاۋاب قايتۇردى.

  توپقان بازىرى ياڭاق ئۆستۈرۈش چوڭ بازىرى بولۇپ، ياڭاق سېتىش شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى ئىدى. «سۈپىتى ئەلا بولغاندىلا ئاندىن باھاسىمۇ يۇقىرى بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ياڭاقنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، جاۋ زۈنسو ئۆزىنىڭ يېرىنى تەجرىبە ئېتىزى قىلىپ، نەتىجە قازانغاندىن كېيىن مېنى باشلاپ بىللە ئىشلىدى» دېدى ئەركىن. ئۇنىڭ 17 مو ياڭاقلىقى بار بولۇپ، ھەر يىلى جاۋ زۈنسو ئۇنىڭ ياڭاق چاتىشىغا ياردەملىشىدۇ. «پەن-تېخنىكىغا تايانغاچقا، ياڭاقلىقىمنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئۈچتىن بىر قىسىم يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى».

  «يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا، بىز بىر كەنتتە ياشاۋاتقىلى 20 نەچچە يىل بولدى، بۇ تۇغقانلىرىم بىلەن كۆرۈشىدىغان ۋاقىتتىن خېلىلا كۆپ، ئەركىنمۇ دائىم ماڭا ياردەم قىلىدۇ» دېدى جاۋ زۈنسو. ئۇنىڭ ئائىلىسى دېھقانچىلىق ماشىنىسى سېتىۋالغان بولۇپ، مەسىلە كۆرۈلسە ئەركىننىڭ ئوغلى ئۇنىڭغا رېمونت قىلىپ بېرىدۇ.

  ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئۆزئارا يار-يۆلەك بولۇشۇپ، ئارىسىدىكى ھېسسىيات بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.

  ئەركىننىڭ كىچىك نەۋرىسى ئەركىننىڭ پاكىز، رەتلىك ھويلىسىدا يۈگۈرۈپ ئويناۋاتاتتى. «بۇ بالا شوخ ھەم تېتىك، ئۇ تۇغۇلغاندا جاۋ زۈنسو دەل ۋاقتىدا ياردەم قىلغان ئىدى.» ئەركىننىڭ كېلىنى يېرىم كېچىدە تۇغماقچى بولدى، «قەيەرگە بېرىپ ئاپتوموبىل تېپىپ كېلىش كېرەك؟» ئەركىن جاۋ زۈنسونىڭ ئىشىكىنى چەكتى. «لاۋجاۋ كېلىنىمنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى، يەنە دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققىنى تاپشۇرۇپ بەردى، دوختۇرخانىدا مەن بىلەن تاڭ ئاتقۇچە تەڭ ساقلاپ، بالا بىلەن ئانىسىنىڭ تىنچ ـ ئامانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئاندىن قايتىپ كەتتى» دېدى ئەركىن.

  ئىشلەپچىقىرىشتا بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولۇپ، تۇرمۇشتا بىر-بىرىگە غەمخۇرلۇق قىلىش. جاۋ زۈنسو بىلەن ئەركىننىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىگە ھەمدەمدە بولىدىغانلىقى كەنتتە تىللاردا داستان بولدى.

  ​بۇ يىل ئەركىننىڭ ئۆيى بازاردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بازىسىغا ئايلاندى، ھويلىنىڭ سىرتقى تېمىغا قىزىل ۋىۋىسكا ئېسىلغانىدى. ھويلا تېمىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى چاپلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جاۋ زۈنسومۇ بار ئىدى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەن بىلەن لاۋ جاۋنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىشىپ، بىر-بىرىمىزگە يار-يۆلەك بولۇشقان 20 نەچچە يىلدا ياراتقان نەتىجىمىزدۇر، ئائىلىمىزدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى بازىسى قۇرۇلغانلىقىدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىمىز» دېدى ئەركىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى