تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

دۇڭياڭ ياغاچ ئويمىچىلىقى: 1000 يىللىق ياغاچ ئويمىچىلىق ھۈنىرىگە ۋارىسلىق قىلىش

خىزمەتچى خادىم ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى قول ھۈنەر ئۇستىسى، جۇڭگو ھۈنەر-سەنئەت ئۇستىسى لۇ گۇاڭجېڭنىڭ ئىجادىيەت ئىشخانىسىدا ئەسەر ئويماقتا(10-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: دۇڭياڭ ياغاچ ئويمىچىلىقى جېجياڭنىڭ دۇڭياڭدىن تارقالغان، تاڭ سۇلالىسىدىن بۈگۈنگىچە 1000 يىلدىن ئارتۇق تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، جۇڭگو ئەل ئىچى ئويمىچىلىق سەنئىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. دۇڭياڭ ياغاچ ئويمىچىلىقى تەكشىلىك قاپارتما نەقىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، قۇرۇلمىسى ئېنىق، قاتلاملىرى مول، رەڭگى سۇس، روشەن خاسلىققا ئىگە. 2006-يىلى، دۇڭياڭ ياغاچ ئويمىچىلىقى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئەڭ بۇرۇنقى ياغاچ ھەيكەل ياساشتىن ئوردا-ساراي، بۇتخانا، تۇرالغۇ قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى بېزەشكىچە، يەنە ھازىرقى  ئۆي جاھازىلىرى، تام ئاسما سەنئەت بۇيۇملىرى، ئۆي ئىچى لايىھەسى قاتارلىقلارغىچە، ئەۋلادمۇئەۋلاد ياغاچ ئويما سەنئەتكارلىرىنىڭ ۋارىسلىق قىلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشىدا، بۇ سەنئەت تۈرى 1000 يىللىق تارىخنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ يېڭىلىنىپ، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. 2019-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە، دۇڭياڭدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى قول ھۈنەر ئۇستىسىدىن ئۈچى، دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ھۈنەر-سەنئەت ئۇستىسىدىن 50 نەچچىسى، تۈرلۈك كەسپىي ئىختىساسلىقلاردىن 3000 نەچچىسى بارلىققا كەلدى. (ۋېڭ شىنياڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى