تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

چېگرا رايوندا بەخت گۈللىرى ئېچىلدى|چاتىۋەتكەن دەرەخ شاخلىرىنى زەمبۇرۇغ تاياقچىسىغا ئايلاندۇرۇش، شياڭگۇ ئۆستۈرۈپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش

خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى سايباغ يېزىسى دەرەخ شېخىدا زەمبۇرۇغ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ سېخىدا، ئىشچىلار ئالدىراش زەمبۇرۇغ تاياقچىسى ئىشلەپچىقارماقتا.

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلار گو لىڭ، لۈ يىخەن، جۇڭ جاۋفېڭ خەۋىرى، فوتوسى): دېھقانلار چاتاپ تاشلىۋەتكەن مېۋىلىك دەرەخ شاخلىرى قاتارلىق كېرەكسىز ياغاچ ماتېرىياللىرى سېتىۋېلىنىپ، بىر قاتار پىششىقلاش، ئىشلەپچىقىرىش ئاقما لىنىيەسىدە زەمبۇرۇغ تاياقچىسىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ، بۇ يەردىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا، زەمبۇرۇغ تاياقچىسى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.

  10-ئاينىڭ 24-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى سايباغ يېزىسى دەرەخ شېخىدا زەمبۇرۇغ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى. ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ھەرقايسى سېخلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىراش ئىدى، بازىنىڭ چوڭ زالىدا، قۇرۇتۇلغان شياڭگۇ، قىيام قاتارلىق مەھسۇلاتلار تىزىپ قويۇلغانىدى.

خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى سايباغ يېزىسى دەرەخ شېخىدا زەمبۇرۇغ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ سېخىدا، ئىشچىلار ئالدىراش زەمبۇرۇغ تاياقچىسى ئىشلەپچىقارماقتا.

  «بىز ئىشلىتىدىغان خام ماتېرىياللار دېھقانلار ھەر يىلى مېۋىلىك دەرەخ، ياڭاق قاتارلىقلاردىن چاتىۋەتكەن شاخلار بولۇپ، ئىلگىرى بۇلار كېرەكسىز دەپ قارىلاتتى، ھازىر بىز بىر يىلدا توققۇز مىليون يۈەن سېتىۋېلىش خىراجىتى ئاجرىتىمىز، بۇ دەرەخ شاخلىرىدىن پايدىلىنىپ 15 مىليون خالتا زەمبۇرۇغ تاياقچىسى ئىشلەپچىقىرىمىز» دېدى سايباغ يېزا دەرەخ شېخىدا زەمبۇرۇغى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ مەسئۇلى يى جىنياۋ. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بازىنىڭ كۆلىمى 150 موغا يېقىن بولۇپ، ئۆلچەملەشكەن زەمبۇرۇغ تاياقچىسى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بار ئىكەن ھەم تەتقىق قىلىپ ئېچىش تەجرىبىخانىسى، ئىشخانا بىناسى، خىزمەتچىلەر ياتىقى قاتارلىقلار سەپلەنگەن، خېنەن يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، سەنشى يېمەكلىك زەمبۇرۇغى تەتقىقات يۇرتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۈرلۈك يېمەكلىك زەمبۇرۇغ سورتلىرىنى تەتقىق قىلىپ چىققان، ھازىر پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تىجارەت-سېتىش نۇقتىلىرى بار بولۇپ، تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىكەن.

دەرەخ شېخىدا زەمبۇرۇغ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ پارنىكىدا، زەمبۇرۇغ تاياقچىسىدا ئۆسكەن شياڭگۇ.

  «مەن ئىلگىرى ناھىيەدىكى تاللا بازىرىدا ئىشلەمچىلىك قىلاتتىم، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقۇچە سائەت 11-12 بولۇپ كېتەتتى، بۇ بازا ئۆيۈمگە ئىنتايىن يېقىن، شۇڭا مەن بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلىدىم، بۇ يىل 4-ئايدا يەنە خېنەنگە بېرىپ تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تېخنىك بولدۇم» دېدى گۇاڭمىڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى روزىنىسا جېلىل، ئەتراپتىكى كەنتلەردىن بازىغا كېلىپ خىزمەت قىلغانلاردىن باشقا، يەنە نۇرغۇن كىشى بۇ يەردىن زەمبۇرۇغ تاياقچىسى سېتىۋېلىپ، ئۆيىدىكى پارنىكتا ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

  يى جىنياۋ مۇنداق دېدى: دەسلەپتە كەنت ئاھالە كومىتېتى كەنت ئاھالىلىرىنى شياڭگۇ ئۆستۈرۈپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش تەكلىپى بەرگەندە، كۆپچىلىك ئانچە خالىمىغانىدى، مەغلۇب بولۇشتىن، ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەي قېلىشتىن قورققانىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، كەنت كۆپچىلىكنى بازىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىدى، بىز تەربىيەلەشكە ۋە مەھسۇلات سېتىۋېلىشقا مەسئۇل بولدۇق، شۇندىلا كەنت ئاھالىلىرى خاتىرجەم بولدى. كەنت ئاھالىلىرى 3000 يۈەن مەبلەغ سېلىپ پارنىك قۇرغاندىن كېيىن، بىز ئاۋۋال زەمبۇرۇغ تاياقچىسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدۇق، بىر پارنىكقا 2000 دانە زەمبۇرۇغ تاياقچىسى قويۇپ، ئۈچ ئايدا 4000 يۈەن پايدا ئالدى، بۇ مەزگىلدە، بىز بىرتۇتاش تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، بىرتۇتاش سېتىۋالدۇق، زەمبۇرۇغ تاياقچىسىنىڭ ھەققىنى تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن، ھەر يىلى بىر پارنىكتىن كىرىمنى 12 مىڭ يۈەن ئاشۇرالايدۇ، نۇرغۇن دېھقان پايدا ئالغاندىن كېيىن پارنىك سانىنى كۆپەيتتى.

زەمبۇرۇغ تاياقچىسى پارنىكى.

  سايباغ يېزىسى كامپا كەنتىدىكى شياڭگۇ ئۆستۈرگۈچى نۇرمەمەت ئەخەتباقى پۇل تاپقاندىن كېيىن، يەنە ئىككى پارنىك كۆپەيتمەكچى بولدى. شياڭگۇنىڭ كىرىمىدىن باشقا، ئۇنىڭ خوتۇنى دەرەخ شېخىدا زەمبۇرۇغ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا ھەر ئايدا 2000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىدۇ، يەنە ئۇ چاتىۋەتكەن ياڭاق شاخلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا سېتىپ، كىرىمىنى يەنە بىر ئۈلۈش كۆپەيتەلەيدۇ.

گۇاڭمىڭ كەنتنىڭ كەنت ئاھالىسى روزىنىسا جېلىل تەربىيەلىنىش ئارقىلىق بازىنىڭ تېخنىكىغا ئايلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ بازا نۆۋەتتە «شىركەت + بازا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنى يۈرۈشتۈردى، بازىنى مەركەز قىلىپ، ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ شياڭگۇ ئىشلەپچىقىرىش، ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، بۇنى شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم كەسىپكە ئايلاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى