تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ھەرخىل ئاشقازان كېسىلىنى كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ داۋالاش

  ئاشقازان تارتىشىپ قېلىش: ئاشقازان تارتىشىپ قېلىش دېگىنىمىز ئاشقازان مۇسكۇلىنىڭ تارتىشىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئىپادىلىرى ئاشقازان قاتتىق كۆيۈپ ئاغرىش، يەنە كۆڭلى ئېلىشىش بولىدۇ. ئاغرىق كۈندىلىك تۇرمۇشتا يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشى، ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشى كېرەك. ئاشقازان تارتىشقاندا ئۇۋۇلاش، ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش، ئىلمان سۇ ئىچىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىئاراملىقنى پەسەيتىش، ئەگەر ئاغرىق داۋاملىق ئېغىرلىسا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

  ئاشقازان يارىسى

    ئاشقازان يارىسى ئۈستۈنكى قورساق، كۆكرەك سۆڭىكى، خەنجەرسىمان ئۆسۈكچىدىن ئىبارەت ئورۇنلاردا كۆپرەك ئاغرىق پەيدا قىلغاندىن كېيىن، دائىم يوشۇرۇن، ئاستا، چىڭقىلىپ ياكى كۆيۈپ ئاغرىيدۇ. ئادەتتە تاماق يەپ بولۇپ بىر سائەت ئىچىدە ئاغرىيدۇ، تەخمىنەن 1-2 سائەتتىن كېيىن پەسىيىدۇ، بۇ ئەھۋال كېيىنكى قېتىملىق تاماقتىن كېيىن يەنە داۋاملىشىدۇ. ئاساسلىقى ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملىنىش، دورا (ئاسپىرىن) ۋە يېمەك-ئىچمەك ئامىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يەنە ئاشقازان كىسلاتاسى كۆپ ئاجرىلىش، روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  داۋالاش تەكلىپى: ئاشقازان يارىسى ئاغرىقلىرى ئاشقازانغا ئەينەك سېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى يەنىمۇ ئېنىقلاش كېرەك. ئاچچىق-چۈچۈك، غىدىقلايدىغان يېمەك-ئىچمەكلەردىن ساقلىنىش، قېنىق چاي، قەھۋە، ئىچىملىك قاتارلىقلارنى ئىچمەسلىك. ئەگەر قۇسۇش ياكى تەرەت قارا كېلىش، ئۈستۈنكى قورساق قىسمى قاتتىق ئاغرىپ پەسەيمىسە، ھەزىم قىلىش بۆلۈمىگە بېرىپ كۆرۈنۈش كېرەك.

  جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى

     ۋىرۇس ياكى باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش پەيدا بولغان جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى ئاغرىقلىرىدا ئاشقازان ئاغرىشتىن باشقا، يەنە ئىچى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، قىزىش، سۇسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

  داۋالاش تەكلىپى: ئەگەر كېسەللىك ئالامىتى يېنىكرەك، ئىچى سۈرۈش قېتىم سانى ئاز (بەش قېتىمدىن ئاز) بولسا، ئىمكان بار يېتىپ داۋالىنىش، بەدەنگە سۇ تولۇقلاش؛ ئەھۋالغا قاراپ قىسقا مۇددەت تاماق يېمەسلىك، مايسىز، سۇيۇق-سەلەڭ ياكى قويۇقراق تاماق يېيىش، مەسىلەن: شوۋىگۈرۈچ، نېلۇپەر غولى تالقىنى قاتارلىقلار. ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولسا، بولۇپمۇ يېشى چوڭ تېنى ئاجىزلار ۋاقتىدا داۋالىنىشى، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەكشۈرتۈشى ۋە دورا ئىشلىتىشى كېرەك.

  ئادەم بەدىنى قورساق بوشلۇقىدا نۇرغۇن مۇھىم ئەزالار بولىدۇ، بەزىدە قورساقنىڭ ئاغرىغان ئورنىغا ئاساسەن، قورساقنىڭ ھەقىقىي ئاغرىش سەۋەبىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «ئاشقازان ئاغرىقى» بەلكىم ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى، ئۆتكە تاش چۈشۈش، ئۆت خالتىسى ياللۇغىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، كېسەللىك ئەھۋالى تەكرارلانغان، پەسەيمىگەنلەرنىڭ ۋاقتىدا داۋالىنىشى ئىنتايىن مۇھىم.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى