تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كۇچا شەھىرىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئىپتىدائىي ئېكولوگىيە توغراق بايرىمىدىكى مەززىلىك تائاملار ۋە گۈزەل مەنزىرىلەر ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ جيەنچياڭ، نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى): 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، كۇچا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، كۇچا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، نىڭبونىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئۇيۇشتۇرغان «رەڭدار كۈسەن . توغراق بىلەن ئۇچرىشىش» كۇچا شەھىرىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئىپتىدائىي ئېكولوگىيە توغراق بايرىمى كۇچا شەھىرى تارىم يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئېسىل پائالىيەتلەر ساياھەتچىلەر ۋە شۇ جايدىكى ئاممىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

  «بۈگۈن تارىم يېزىسىغا كېلىپ كۇچا شەھىرىنىڭ توغراق بايرىمى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنى بەك تەلەيلىك ھېس قىلدىم، كۆل يۈزى بىلەن توغراق بىرلىشىپ ناھايىتى گۈزەل تۈسكە كىرىپتۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوستلارنىڭ ئالتۇن كۈزدىكى توغراقنى، گۈزەل شىنجاڭنى كۆرۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» دېدى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن ساياھەتچى سۇ زۇشيەن.

  تارىم يېزىسىنىڭ ئاھالىسى ئەكبەر ئەخمەت مۇنداق دېدى: «بۈگۈن سودا ناھايىتى ياخشى، ساياھەتچىلەرمۇ كۆپ، ئەتىگەندىن باشلاپ ئون قوي ساتتىم، بىر كۈندە تەخمىنەن 40-30 قوي ساتالايمەن.»

  ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئايدا، تارىم يېزىسى ئالتۇن رەڭلىك چۆچەك دۇنياسىغا ئايلانغانىدى. رەڭگارەڭ مەنزىرە كۆزنى قاماشتۇرۇپ، كىشىنى مەستخۇش قىلاتتى، ساياھەتچىلەر توغراقلىقتا سەيلە قىلىپ، يان تېلېفونلىرى بىلەن ئېسىل دەقىقىلەرنى خاتىرە قالدۇردى.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى بيەن يۇڭ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كېلىپ ساياھەت قىلىشىمىز، تارىم يېزىسىدىكى توغراقلار ناھايىتى گۈزەل ئىكەن، بىز نۇرغۇن سۈرەت تارتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تونۇتۇشنى ئويلىدۇق.»

  كۇچا شەھەر ئاھالىسى نىڭ جىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى خۇددى بىر پارچە ماي بوياق رەسىمگە ئوخشايدۇ، مەن فوتوگرافلىقنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن سۈرەت ۋە ۋىدېئولارنى تارتىپ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىم بىلەن بىللە بەھرىلەندىم.»

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كۇچا شەھىرى ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتتى ھەمدە ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇپ، كۇچانىڭ يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، «قەدىمىي كۈي كۈسەن، يىپەك يولى كۇچا» ساياھەت ماركىسىنى تونۇتۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى. بۇ يىل 9-ئايغىچە، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 2 مىليون 77 مىڭ 300 ئادەم قېتىم بولۇپ، ساياھەت كىرىمى 1 مىليارد 322 مىليون يۈەن بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى