تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كۇچا: «قىزىل + قارا» خاس كەسپى دېھقانلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شيا، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ شياۋلى خەۋىرى): «خىزمەت ئەترىتى بىزگە ياردەم بېرىپ، نۇرغۇن ئەمەلىي، ياخشى ئىشلارنى قىلدى، خۇڭياۋساڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قارا مور ئۆستۈرۈش، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش دېگەندەك، بىزنىڭ يانچۇقىمىز تومپايدى، تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى». 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرى ئاقئۆستەڭ يېزىسى توپا ئېرىق كەنتىدىكى دېھقان سېتىۋالدى ساتتار شۇنداق دېدى.

ئاقسۇ يېزا سودا بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، خاس تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش ئۈمىدىنى يورۇتتى.

خۇڭياۋساڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كىرىمنى ئاشۇرۇشقا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلدى

«خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، مەن خۇڭياۋساڭ تېرىقچىلىقىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك پەرۋىشىدە يېتەرلىك تەييارلىق قىلدىم، بۇ يىل كىرىمىم يامان ئەمەس بولدى، خىزمەت ئەترىتىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى كەنت ئاھالىسى سېتىۋالدى ساتتار كۈلۈپ تۇرۇپ.

توپا ئېرىق كەنتى شەھەر رايونىدىن بىر قەدەر يىراق بولۇپ، ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئاساسلىقى نوقۇل ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىققا تايىناتتى. خىزمەت ئەترىتى خۇڭياۋساڭنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ۋە ئىستېمال قىلىش قىممىتىگە ئىگە، بازىرى ئىتتىك مال ئىكەنلىكىنى، بازار ئىستىقبالىنىڭ ناھايىتى كۆرۈنەرلىكلىكىنى ئىگىلەپ، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن كۆپ قېتىم مېۋە كارخانىلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى خۇڭياۋساڭ تېرىشقا يېتەكلەشنى قارار قىلدى.

2019-يىلىنىڭ بېشىدا، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ خۇڭياۋساڭ كۆچىتى سېتىۋېلىپ، كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بار 20 ئائىلىنىڭ 20 مو يەرگە سىناق قىلىپ تېرىشىغا ئىلھام بېرىپ، يېتەكچىلىك قىلدى. تۇنجى يىلى مېۋە ئاز بولسىمۇ، ئەمما دانىسى يوغان ھەم توق، چۈچۈمەل تاتلىق، شىرنىلىك بولۇپ، نۇرغۇن مېۋە-چېۋە كارخانىلىرىنى سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى، ناھايىتى تېزلا سېتىش يوللىرى ئېچىلدى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېرىقچىلىق ئاكتىپلىقىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خىزمەت ئەترىتى باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى كېلىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى ھەم پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئورمان يېرىنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇش، جىلغىلارنى بوشىتىش، تۇپراقنى بوشىتىپ ئوغۇت ئارىلاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوغۇتنى، نەملىكنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى كىرىشتۈرۈپ تېرىش، ھويلا-ئاران تېرىقچىلىقى قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تېرىقچىلىق كۆلىمىنى تەدرىجىي كېڭەيتىشكە يېتەكلىدى، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خۇڭياۋساڭ كۆچىتى يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ تېرىقچىلىق تەننەرخىنى ئازايتتى.

قارا مور ئۆستۈرۈپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى يارىتىش

«قارا مور ئۆستۈرۈش جەريانىدا، خىزمەت ئەترىتى پۈتۈن جەريانغا يېتەكچىلىك قىلدى، يىغىش مەزگىلىدە ماڭا ياردەملىشىپ سېتىش يوللىرىنى ئالاقىلىشىپ بەردى، بۇلتۇر ساپ كىرىمىم 4000 يۈەندىن ئاشتى، ھازىرقى ئۆسۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، مېنىڭ بۇ يىل بۇلتۇرقىدىن 3000 يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلىشقا ئىشەنچىم بار» دېدى كەنت ئاھالىسى ئەلى ئەخمەت خۇشال ھالدا.

كەنتتە ئاساسلىق كەسىپ بار، ئائىلىلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يولى بار. توپا ئېرىق كەنتىدە يەرنىڭ شورلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىلغۇ قۇرۇلمىسى يەككە، پايدىسى تۆۋەن. خىزمەت ئەترىتى يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى كېلىپ «دىياگنوز قويۇپ، تومۇر تۇتۇش»قا تەكلىپ قىلدى، قايتا-قايتا تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، قۇياش نۇرى يېتەرلىك بولۇش، سۇ بايلىقى يېتەرلىك بولۇش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، مۇتەخەسسىسلەر قارا مور تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەكلىپىنى بەردى.

سۇ مەنبەسى قولايسىز بولۇش، سۇنىڭ شورلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى سۇ سۈپىتىنى ياخشىلايدىغان سۇ كۆلچىكى ۋە ئاپتوماتىك پۈركۈپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئورناتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىپ كەنت ئاھالىلىرىگە قارا مورنى كۆچۈرۈپ تىكىش، قەرەللىك يوپۇق يېپىش، نەملىك ساقلاش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئۆگىتىپ، قارا مورنىڭ ئۆسۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

2019-يىلى، خىزمەت ئەترىتى مەبلەغنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، كەنتتە كۆلىمى 30 مو كېلىدىغان، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش چوڭ پارنىكىدىن 20 سى بار، 80 مىڭ تال زەمبۇرۇغ تاياقچىسى بار قارا مور ئۆستۈرۈش بازىسى قۇردى. قارا مور سېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، ۋېيشىن سۇپىسى ئارقىلىق ھەرقايسى سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ زاكاز قىلدى. شۇ يىلى تۆت توننا قارا مور يىغىپ سېتىلىپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2000 يۈەندىن ئاشتى.

خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قىيىنچىلىقى بار 40 ئائىلە قارا مور خاس تېرىقچىلىقىغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ 40 نەپەر ئارتۇق ئەمگەك كۈچى تېرىقچىلىق بازىسىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى موتورىنى قوزغىتىش

«ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، تېخنىك خادىم ماڭا يەم-خەشەك تەڭشەش ۋە بورداش تېخنىكىسىنى قولمۇقول ئۆگەتتى، قىسقىغىنا ئۈچ ئايدا، ئائىلىمىز ھاۋالىلىك باققان كالا بىرنى موزايلىدى، ھەر ئايدا 800 يۈەن مائاش ئالغاندىن باشقا، يىل ئاخىرىدا يەنە 6000 يۈەن پايدا تەقسىملەندى». كەنت ئاھالىسى ھامىدىن مىجىتمەڭنىڭ ئۈچ كالىسى بار، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ كالا-قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بىرتۇتاش باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۆزى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا باقمىچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى.

توپا ئېرىق كەنتىنىڭ كالا، قوي بېقىش ئەنئەنىسى بار بولۇپ، كىچىك باقمىچىلىق ئائىلىلىرى تارقاق بېقىش بىلەن چەكلىنىپ قالغان، نەسىل ئارىلاش، كۆلەملەشتۈرۈش قىيىن ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا، خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن كۆپ تەرەپتىن «تەجرىبە ئۆگىنىپ»، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى + بازار» تەرەققىيات تەپەككۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىقنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باقمىچىلىق كىرىمىنى ئاشۇردى.

2019-يىلى، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنتتىكى بېيىش باشلامچىلىرى، كەنت ئاھالىلىرىدىن جەمئىي 225 كىشىنى پاي قوشۇپ 2 مىليون 429 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ، باقمىچىلىق كۆلىمى 300 تۇياق (دانە) بولغان دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلدى.

نۆۋەتتە، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا قوتاندا بېقىلىۋاتقان سىمېنتال گۆش كالىسىدىن 196 تۇياق، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ياردەملىشىپ ھاۋالىلىك بېقىۋاتقان كالىدىن 52 تۇياق بار. ھەمكارلىق كوپىراتىپى مەركەزلەشتۈرۈپ ھاۋالىلىك بېقىپ ھەم باقمىچىلىق خەۋپ ـ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىپ، باقمىچىلىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، ھەم ئەمگەك كۈچلىرىنى ئازاد قىلدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئۇدۇللاشتۇرۇپ ئالاقىلىشىشىدە، كەنت ئەتراپتىكى كارخانىلار بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جەمئىي 421 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2500 يۈەن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى