تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

تېكەس ناھىيەسى: ئاتچىلىق كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (تېكەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ساغىم، دەي كەيلى خەۋىرى): بۇ ئىلى ئېتى يەرلىك ئات، بازار باھاسى 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا؛ بۇ نەسلى ياخشىلانغان ئات، ئېگىزلىكى 1.65 مېتىر كېلىدۇ، باھاسى 35 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا.» 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئىلى دېرۈي جۈنفا بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكى ئېرجان خۇئات يەرلىك ئات بىلەن نەسلى ياخشىلانغان ئاتنىڭ بازار باھاسىنى تونۇشتۇرۇپ شۇنداق دېدى.

  تېكەس ناھىيەسى ئاتچىلىق كەسپىنى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنىڭ بىرى قىلىپ، ئات نەسلىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، ساندىن سۈپەتكە قاراپ ئۆزگىرىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېكەس ناھىيەسى تۆرەلمىنى يۆتكەش، كۆپەيتىپ يېتىلدۈرۈش، «ۋاكالىتەن ھامىلدار بولۇش» قاتارلىق ئات نەسلىنى ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، يەرلىك ئات نەسلىنى ياخشىلاشنى ئومۇميۈزلۈك تېزلەتتى، 2010-يىلىدىن بۇيان ئات نەسلىنى ياخشىلاش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ناھىيە بويىچە توققۇز نەسىللەندۈرۈش پونكىتى قۇرۇلۇپ، نەسىللىك ئات 16 مىڭ تۇياقتىن ئاشتى. يېڭى ئەلا ئات نەسىلى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئاساس سالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى