تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قېزىش ماشىنىسى ھەيدەپ، بېيىش يولىغا مېڭىش

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر گۇڭ شىجيې، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ خۇڭلى خەۋىرى): 10-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرى بېھىشباغ يېزىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئۆستەڭ بويىدا، بىر قېزىش ماشىنىسى قۇرۇلۇش قىلىۋاتاتتى. 45 ياشلىق مەمەت توختىنىڭ بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىغا تۆت كۈن بولغانىدى.

  مەمەت توختى بېھىشباغ يېزىسى كۆكۈش 2-كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ئىلگىرى 34 مو يېرىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، كەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقاندىن كېيىن، غەيرەتكە كېلىپ بىر قېزىش ماشىنىسى سېتىۋالماقچى بولدى، بىراق پۇلى يېتىشمەيتتى. كەنت كادىرلىرى ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىپ، قېزىش ماشىنىسى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەردى.

  «تېخنىكىغا پىششىق بولمىغاچقا، ھەيدەپلا ھويلىنىڭ تېمىنى سوقۇپ ئۆرۈۋەتتىم، باغلاقلىق كالىنىمۇ بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاس قالدىم» دېدى مەمەت توختى كۈلۈپ تۇرۇپ، «لى شۇجى ماڭا ئىشىنىپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ نەچچە 100 مو يېرىنى تۈزلەشكە بەردى، مەن بىر قىش ئىشلەپ پۇل تاپتىم، تېخنىكىغىمۇ پىششىق بولدۇم».

  مەمەت توخى تىلغا ئالغان لى شۇجى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى جۇڭجيۇ. لى جۇڭجيۇ يەنە ھەرتەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا قىلىدىغان ئىش تېپىشىپ بەردى،  بۇنىڭ بىلەن ئۇ يېرىم يىل ئىچىدە 140 مىڭ يۈەن پۇل تاپتى. كۇچا شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىمۇ ئۇنىڭغا ئىش تېپىشىپ بەردى. ئۈچ يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئۇ قەرزلىرىنى قايتۇرۇپ بولدى، يەنە قەرز ئېلىپ بىر پىكا ئاپتوموبىلى سېتىۋالدى.

  مەمەت توختى بۇنىڭغا قانائەتلىنىپ قالماي، ئۆگەنگەن تېخنىكىسىنى ئۆزىنىڭ ئېتىزلىقىغا ئىشلىتىپ، يەرنى بوشىتىپ، تېمىتىپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىسى ئورناتتى، كېۋەز تېرىپ، بىر يىلدا 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى، پايدىنىڭ تەمىنى تېتىغاندىن كېيىن، 30 نەچچە مو كىۋەزلىكنى ھۆددىگە ئالدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 200 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندى. «بۇ ئىككى يىلدا يوللار ئىشىك ئالدىغىچە ئاسفالتلاشتۇرۇلدى، مەن يېڭى ئۆي سېلىۋالدىم، 30 مىڭ يۈەنلىك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىۋالدىم، يەنە توك پار ئورناتتىم، ئۆيدىكىلەرنى يېڭى تۇرمۇشتىن بەھرىلەندۈردۈم» دېدى مەمەت توختى كۈلۈپ تۇرۇپ.

  ئۇ بېيىغاندا يۇرتداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. مەمەت توختى قوشنىلىرىنى يېتەكلەپ بىرلىكتە كېۋەز تېرىپ، ئۇلارغا تېخنىكىنى ھەقسىز ئۆگەتتى؛ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىسى ياسىن تۇراپ بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭغا ئىش تېپىشىپ بېرىپ، ئۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى؛ 2019-يىلى ئەتىيازدا، 4000 يۈەنگە ئاشلىق، ياغ سېتىۋېلىپ، قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىلىرىگە يەتكۈزۈپ بەردى.

   ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، مەمەت توختى پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى تاپشۇردى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ بىر كاندىدات پارتىيە ئەزاسى بولۇپ قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن پارتىيەگە مىنەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى