تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شەرقىي جەنۇب بورىنى چىقىدۇ، يامغۇر ۋە قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

  ئانار بۇلۇت خەۋىرى (خەۋەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى): 10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە شەرقىي جەنۇب بورىنى چىقىدۇ:

  ھاۋا بېسىمى مەيدانىنىڭ تەسىرىدە، 10-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەردىن 10-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنغىچە شەھەر رايونىدىن سەيۋوپوغىچە بەش بالدىن ئالتە بالغىچە شەرقىي جەنۇب بورىنى چىقىپ، ئۆتكۈنچى بوران سەككىز بالغا يېتىدۇ، ئۇلانبايدىن خۇڭيەنچىگىچە ۋە شىسەندىن باگاڭغىچە بولغان دائىرىدە يەتتە بالدىن سەككىز بالغىچە شەرقىي جەنۇب بورىنى چىقىپ، ئۆتكۈنچى بوران 10 بالغا يېتىدۇ.

  10-ئاينىڭ 29-كۈنى ھۆل-يېغىن يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ:

  بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، مۆلچەرلىنىشىچە 10-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ كېچىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك بولغان ھۆل-يېغىنلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن، ھەرقايسى رايونلاردا تېمپېراتۇرا ℃5 ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ، شەھەر رايونىدا قىراۋ ئۈششۈكى چۈشۈپ، يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قار ياغىدىكەن. 10-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنى سەھەرگىچە شەھەر رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃2- ئەتراپىدا بولىدىكەن، نەنسەن تاغلىق رايونى ۋە داۋانچېڭ رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃6- ~ ℃8- قىچە بولىدىكەن.

  مۆلچەرلىنىشىچە، 10-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن كېچىگىچە، شەھەر رايونى، مىدۇڭ رايونى ۋە گەنچۈەنباۋدا ئازراق يامغۇر يېغىپ كېيىن يامغۇر ئارىلاش قارغا ياكى قارغا ئۆزگىرىدىكەن (تۆت مىللىمېتىردىن ئالتە مىللىمېتىرغىچە)، يېڭىدىن يىغىلغان يىغىندى قار نۆل سانتىمېتردىن بىر سانتىمېتىرغىچە بولىدىكەن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلاردا بەش بالدىن ئالتە بالغىچە غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونى ۋە نەنسەن تاغلىق رايونىدا ئوتتۇرھال ياكى قاتتىق قار ياغىدىكەن (ئۈچ مىللىمېتىردىن ئالتە مىللىمېتىرغىچە)، يېڭىدىن يىغىلغان يىغىندى قار بەش سانتىمېتردىن سەككىز سانتىمېتىرغىچە بولىدىكەن، داۋانچېڭ رايونىدا ئازراق قار ياغىدىكەن (0.3 مىللىمېتىردىن بىر مىللىمېتىرغىچە)، يېڭىدىن يىغىلغان يىغىندى قار نۆل سانتىمېتىر بولۇپ، ئالتە بال غەرب شامىلى چىقىپ، ھەرقايسى رايونلاردا تېمپېراتۇرا ℃5 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن.

  شەرقىي جەنۇب بورىنى ۋە قار-يامغۇرلۇق، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايىغا قارىتا، مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەكلىپىنى بەردى:

  1. مۆلچەرلىنىشىچە، 10-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەردىن 10-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 30 سائەت ئەتراپىدا شەرقىي جەنۇب بورىنى چىقىپ، ئوت ئاپىتى خەۋپىنىڭ ھاۋا رايى دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا قىسقا ۋاقىتلىق قۇم-بورانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ، شەھەر قۇرۇلۇشى، قاتناش-تىرانسپورت ۋە ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى قاتارلىقلارغا بىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

  2. مۆلچەرلىنىشىچە، 10-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن كېچىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قار ياغىدىكەن، قىسمەن رايونلاردىكى قارنىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، يوللاردا مۇز تۇتۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن، باغ-ئورمان، شەھەر قۇرۇلۇشى، يول قاتنىشى ۋە ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى قاتارلىقلارغا بىر قەدەر زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

  3. 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ھۆل-يېغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا بەش بالدىن ئالتە بالغىچە غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدۇ، قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئالدىنى ئېلىش تەكلىپىنى بېرىمىز.

  4. مۆلچەرلىنىشىچە قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىسە، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونى ۋە تاغلىق رايونلاردا كۆپ مىقداردا قار يىغىلىپ، ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرا ℃7-ئەتراپىغا چۈشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى