تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىلمىي، دەل جايىدا بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇش كېرەك

10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

سۈرەتتە: چېن چۈەنگو قەشقەر شەھىرىدىكى بىر ئاھالىلەر نوكلېئىك كىسلاتاسىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا تېببىي خادىملار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان دوختۇر - سېسترالار ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسى، قەشقەر شەھىرىگە بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، كوناشەھەر ناھىيەسى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى باشقا ناھىيە، شەھەرلەر بارلىق كىشىلەرنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى جىددىي، تەرتىپلىك قانات يايدۇرماقتا. نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا، چېن چۈەنگو مەھەللە خىزمەتچىلىرى، تېببىي خادىملار ۋە ھەر مىللەت ئاھالىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان دوختۇر - سېسترالار ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم كۆپچىلىككە مەشغۇلاتنى چوقۇم قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۆزىنى ياخشى قوغداشنى تاپىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر مىللەت ئاممىنى ياخشى تەشكىللەپ، نەق مەيدان تەرتىپىنى ياخشى قوغداپ، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش، ماسكا تاقاش، «بىر مېتىر ئارىلىق» قاتارلىق تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەۋرىشكە ئېلىش خىزمىتىنى بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان ئاممىغا بولغان مۇلازىمەت كاپالىتىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، چوڭقۇر، ئىنچىكىلىك بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.

قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كوناشەھەر گۇاڭجوۋ شىنچېڭ دوختۇرخانا رايونى بۇ قېتىمقى يۇقۇمدىكى بېكىتىلگەن قوبۇل قىلىپ داۋالايدىغان دوختۇرخانا. چېن چۈەنگو قۇتقۇزۇش - داۋالاش كۈچى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، دورا بىلەن تەمىنلەش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم سىن سىستېمىسى ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارنى ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلاپ، دوختۇر - سېسترالارغا پائال ماسلىشىپ، بالدۇرراق دوختۇرخانىدىن چىقىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتىكى ھەرقايسى ھالقىلارنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشنى، سانلىق مەلۇماتنىڭ توغرا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار، ئىككىلەمچى يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىز قوغلاپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تولۇق قاپلاشقا، چۈشۈپ قالماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشتا چىڭ تۇرۇپ، رايونغا ئايرىلغان، دەرىجىگە ئايرىلغان دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ھالقىلارنى قاتتىق ياخشى تۇتۇپ، ئادەم زىچ توپلىشىدىغان مەيدان - سورۇن ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلارنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تاشقى جەھەتتە سىرتقا تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە لىنىيەسىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. ئىلمىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى قانات يايدۇرۇپ، «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش» پىرىنسىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسى بويىچە، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈپ، ئىلمىي داۋالاش كېرەك. مۇلازىمەت كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ۋاقتىدا چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقى، ئارزۇ - تەلىپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىش كېرەك؛ ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە ئۆزى مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ياردەم بېرىش كېرەك؛ كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئاھالىلەرنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ۋە سۇ، توك، گاز، پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاممىنىڭ ياخشى سىردىشى ۋە يۆلەنچۈكى بولۇپ، ئىشنى نەق جايىدىن باشلاپ، ئىشنىڭ ئىنچىكە يېرىگە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، جايىدا تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى پېڭشىن، لى يىفېي، ليۇ سۇشې، ياڭ يۇڭ قاتارلىقلار بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.