تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇش سۈپىتىنىڭ تەڭ ئۆسۈشى داۋامىدا سەنئەتنىڭ چىن مەنىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش داۋامىدا سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى تاۋلاڭلار

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ جۇڭگو شىچۈ تىياتىرى شۆيۈەنىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇردى

ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇش سۈپىتىنىڭ تەڭ ئۆسۈشى داۋامىدا سەنئەتنىڭ چىن مەنىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش داۋامىدا سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى تاۋلاڭلار

جاۋاب خەت

گو خەنچېڭ، دۇ جىنفاڭ، شاڭ چاڭرۇڭ، ما جىنفېڭ، سەي جېڭرېن، ليۇ شيۇرۇڭ قاتارلىق يولداشلار:

ياخشىمۇ سىلەر! سىلەر، ياشانغانلار، ئوتتۇرا ياشلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەردىن بولۇپ تۆت ئەۋلاد ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىدىن كەلگەن خەتتە، جۇڭگو شىچۈ تىياتىرى شۆيۈەنىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن خۇشاللىنارلىق نەتىجىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، شىچۈ تىياتىرى سەنئىتىنىڭ ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، سىلەردىن ھەم پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمەن!

شىچۈ تىياتىرى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۆھىرى، شىچۈ تىياتىرى ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئادەمدە. جۇڭگو شىچۈ تىياتىرى شۆيۈەنىنىڭ مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇش سۈپىتىنىڭ تەڭ ئۆسۈشى داۋامىدا سەنئەتنىڭ چىن مەنىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش داۋامىدا سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى تاۋلاپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2020 - يىل 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى جۇڭگو شىچۈ تىياتىرى شۆيۈەنىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ شىچۈ تىياتىرى سەنئىتىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىنى ۋە ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەر، ياشانغانلار، ئوتتۇرا ياشلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەردىن بولۇپ تۆت ئەۋلاد ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىدىن كەلگەن خەتتە، جۇڭگو شىچۈ تىياتىرى شۆيۈەنىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن خۇشاللىنارلىق نەتىجىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، شىچۈ تىياتىرى سەنئىتىنىڭ ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، سىلەردىن ھەم پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىچۈ تىياتىرى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ گۆھىرى، شىچۈ تىياتىرى ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئادەمدە. جۇڭگو شىچۈ تىياتىرى شۆيۈەنىنىڭ مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇش سۈپىتىنىڭ تەڭ ئۆسۈشى داۋامىدا سەنئەتنىڭ چىن مەنىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش داۋامىدا سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى تاۋلاپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو شىچۈ تىياتىرى شۆيۈەنىنىڭ ئاساسى بولغان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى شىچۈ تىياتىرىنى ياخشىلاش ئىدارىسى شىچۈ تىياتىرى تەجرىبە مەكتىپى 1950 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن دۆلەت ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى شىچۈ تىياتىرى مائارىپ ئاپپاراتى. يېقىندا جۇڭگو شىچۈ تىياتىرى شۆيۈەنىدىكى بىرقىسىم ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، شۆيۈەننىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، شىچۈ تىياتىرى ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش ئورتاق يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.