تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشلا جاھاندىكى توغرا يول

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«دۇنيا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دۇنياسى، دۇنيا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ، تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشلا جاھاندىكى توغرا يول. جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ئۇرۇشنىڭ ھەققانىيەتنىڭ جەزمەن زوراۋانلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى، تىنچ تەرەققىي قىلىشنىڭ توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تارىخ ئېقىمى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى، جەزمەن دۇنيا تىنچلىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى تۈرلۈك خىرىس ۋە قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن ئۈزلۈكسىز غەلىبە قىلغان تارىخ. بۈگۈن، ئىنسانلار ئالاقە راۋانلاشقان يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى بىر - بىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك، تەقدىرى بىر - بىرىگە زىچ باغلانغان. ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ يەر شارىدا كەڭ تارقىلىشى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسەتتى، لېكىن تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت دەۋر باش تېمىسى ئۆزگەرمىدى، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى. تۈرلۈك يەر شارىۋى تەھدىت ۋە خىرىسلار ئالدىدا، خەلقئارا جەمئىيەت ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشقا تېخىمۇ موھتاج، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداشقا تېخىمۇ موھتاج، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇشقا تېخىمۇ موھتاج بولماقتا. ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، كىچىك گۇرۇھ ۋە نۆل يىغىندىلىق ئېلىشىش تەپەككۇرىدىن سەكرەپ چىقىپ، چوڭ ئائىلە ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئىدېئولوگىيە تالاش - تارتىشىنى چۆرۈپ تاشلاپ، مەدەنىيلىك توقۇنۇشى توزىقىدىن ھالقىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولى ۋە ئەندىزىسىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، دۇنيانىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ رەڭگارەڭ تەبىئىي ھالىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بۈگۈنكى دۇنيادا، ھەرقانداق يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىق، چېكىدىن ئاشقان شەخسىي مەنپەئەتپەرەسلىكنىڭ ھەممىسى تۈپتىن ئاقمايدۇ! ھەرقانداق قاقتى - سوقتى قىلىش، قامال قىلىش، چېكىدىن ئاشقان بېسىم ئىشلىتىش شەكلىنىڭ ھەممىسى تۈپتىن ئاقمايدۇ! ھەرقانداق ئۆز بېشىمچىلىق، ئۆزىنى قالتىس چاغلاش قىلمىشى، ھەرقانداق مۇشتۇمزورلۇق، مۇتتەھەملىك، زومىگەرلىك قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى تۈپتىن ئاقمايدۇ! تۈپتىن ئاقمايلا قالماستىن، ئاخىرىدا مۇقەررەر ھالاك بولىدۇ!» ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى پولاتتەك پاكىتلار ئارقىلىق كىشىلەرگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ھەرقانداق بىر دۆلەت، ھەرقانداق بىر قوشۇن، مەيلى قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر دۇنيا تەرەققىيات ئېقىمىنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇپ، كۈچىگە تايىنىپ ئاجىزلارنى بوزەك قىلسا، كەينىگە دەسسەپ تەتۈر ئىش كۆرسە، تاجاۋۇزچىلىق، كېڭەيمىچىلىك قىلسا، مۇقەررەر ھالدا يۈز - كۆزى قانغا بويۇلىدۇ. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى تولۇق بىلدۈردىكى، چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، بىردەك باراۋەر بولۇش دەۋر تەرەققىياتىنىڭ تەلىپى، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ خەلقئارا ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا تارتىۋېلىش، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش، تەرەققىيات ئۈستۈنلۈكىنى مونوپول قىلىۋېلىش ھوقۇقى يوق، دۇنيادا خالىغىنىنى قىلىشقا، مۇشتۇمزورلۇق، زومىگەرلىك، مۇتتەھەملىك قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىغا تايىنىپ، ئىدېئولوگىيە ئارقىلىق سىزىق سىزىپ، نۆل يىغىندىلىق ئويۇن ئوينىسا، ھەم ئۆز دۆلىتىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ، ھەم ئىنسانلار دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىسقا تېخىمۇ تاقابىل تۇرالمايدۇ. سۆزلىشىشنى توقۇنۇشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، كېڭىشىشنى تەھدىتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى نۆل يىغىندىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئىتىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى تىرىشىپ كېڭەيتكەندىلا، ئاندىن ئىناق، ھەمكارلىشىدىغان خەلقئارا چوڭ ئائىلە قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

جۇڭخۇا مىللىتى تىنچلىقنى سۆيىدىغان مىللەت، جۇڭگو خەلقى تىنچلىقنى سۆيىدىغان خەلق. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەر تاجاۋۇزىنىڭ زىيىنىنى يەتكۈچە تارتتى، ئۇرۇش ئوتى ۋەيرانچىلىقىنىڭ ئازابىنى باشتىن كەچۈردى، لېكىن جۇڭگو خەلقى بۇنىڭدىن ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەر بوزەك قىلىشتەك قاراقچى لوگىكىسىنى ئۆگەنمەستىن، بەلكى تىنچلىقنى قوغداش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىز ئەزەلدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر مەيدان ئۇرۇش قوزغاپ باقمىدۇق، ئەزەلدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىر سۇڭ يېرىنى ئىگىلىۋالمىدۇق. مەيلى تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە يېتىشتىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو مەڭگۈ زومىگەر بولمايدۇ، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ، مەڭگۈ ئۆزىنىڭ ئىلگىرى باشتىن كەچۈرگەن ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى باشقا مىللەتلەرگە تاڭمايدۇ. جۇڭگو خەلقى ئىش تېرىمايدۇ ھەم ئىشتىنمۇ قورقمايدۇ، ھەرقانداق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەر ئالدىدا پۇتى تىترىمەيدۇ، بېلى ئېگىلمەيدۇ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ، ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق كۈچنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ مۇقەددەس زېمىنىغا دەخلى - تەرۇز قىلىشىغا ۋە ئۇنى پارچىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ. مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى چىڭ ساقلاپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئوچۇق تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، پۈتۈن يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپە قوشقۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ.

«كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى يىغقاندىلا ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى، شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ»، يەر شارىۋى تەھدىت ۋە خىرىسلارغا ناھايىتى كۈچلۈك بولغان يەر شارىۋى تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك جاھاندىكى توغرا يولنى چىڭ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، تۈرلۈك يەر شارىۋى مەسىلىلەرگە قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرسىلا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى چوقۇم ئۇزاققىچە تىنچ بولىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان ئىناق دۇنيا قۇرۇپ چىقالايدۇ، يەر شارى ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى