تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قابا ناھىيەسى: كۈز ئايلىرىدىكى ئاق قېيىنزارلىقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئۇلار جانىمقان، رېن لىجۈن فوتوسى، خەۋىرى): كۈزنىڭ ساپ ۋە سالقىن ھاۋاسىدا، مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەنىدى، قىراۋ چۈشۈشى بىلەنلا، قابا ناھىيەسى دۆلەت 4A دەرىجىلىك ئاق قېيىن مەنزىرە رايونىدىكى ئاق قېيىن دەرىخى يوپۇرماقلىرى ئاستا ـ ئاستا چۈشۈشكە باشلىدى. شامال ئاق قېيىن ئورمىنىنى يەلپۈپ ئۆتتى. بەزى قېيىن دەرەخلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرى ناھايىتى تېزلا تۆكۈلۈپ كەتتى، ئاپئاق، ئېگىز شاخلار خۇددى كۆككە قاراپ سوزۇلۇپ، قۇياش نۇرىنىڭ ئىللىق ھارارىتىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقانىدى. دەرەخلەرنىڭ ئاستىنى بىر ئالغان يوپۇرماقلار، خۇددى كېلەر يىلى ئەتىيازنى كۈتۈۋاتقاندەك دەرەخ يىلتىزىنى ئوزۇقلاندۇرماقتا ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى