تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

بورتالا شەھىرى دالتۇ بازىرىدا مىڭ موغا يېقىن لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى

لازا يىغىش ماشىنىسى لازا يىغماقتا.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لېلې، ئىختىيارىي مۇخبىر لى جياۋېي خەۋىرى، فوتوسى): ھازىر دەل لازىدىن مول ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل. 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بورتالا شەھىرى دالتۇ بازىرى دالتۇ كەنتىدىكى ئېتىز بېشىدا، قىپقىزىل لازا شاخلارغا لىق تولغان بولۇپ، دېھقانلار ھاۋانىڭ ئوچۇق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، «ماشىنا + ئادەم كۈچى»نى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ لازا يىغدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دالتۇ بازىرى بازار ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، خاس يېزا ئىگىلىكىنى پۈتۈن بازارنىڭ خاس كەسپى قىلىپ يېتىشتۈردى ھەمدە شەندۇڭدىكى بىر سېتىۋېلىش شىركىتى بىلەن لازا سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، پۈتۈن بازاردا «زاكازلىق لازا»دىن 979 مو تېرىدى، بۇ يىل قۇرۇتۇلغان لازىنىڭ مو بېشى مەھسۇلات مىقدارى 500 كىلوگرامغا يېتىشى، ھەر مو يەرنىڭ ساپ پايدىسى 2500 يۈەندىن يۇقىرى بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

شۇ كۈنى، دالتۇ غەربىي كەنتىدىكى دېھقان شيې باۋجياڭنىڭ لازا ئېتىزىدا، سېتىۋالغۇچى سودىگەر ياڭ دىيەنجۈن لازىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ياڭ دىيەنجۈن مۇنداق دېدى: «بۇ يەرنىڭ كۈن نۇرى چۈشۈشى ۋە ھاۋاسى لازا تېرىشقا بەك ماس كېلىدۇ، مەن بۇ يىل بورتالادىن 1000 توننا لازا سېتىۋېلىشنى پىلانلىدىم».

شيې باۋجياڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل، مەن 100 مو يەرگە لازا تېرىدىم، <كارخانا + دېھقان ئائىلىسى> ئەندىزىسى ئارقىلىق، سېتىۋالغۇچى سودىگەر بىلەن ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدۇق، لازىنى ئېتىزغا تېرىدۇق، سېتىش يوللىرى ئاللىقاچان تېپىلىپ بولدى، مەنمۇ خاتىرجەم بولدۇم. كېلەر يىلى، مەن تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى