تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

تاللاش تېخىمۇ كۆپ، سېتىش تېخىمۇ راۋان، باھا تېخىمۇ مۇۋاپىق 6-شى شىنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى دېھقانلار ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولدى

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ جىڭ، جاۋ لى خەۋەر قىلىدۇ): «كىم قويغان باھا يۇقىرى بولسا، شۇنىڭغا سېتىپ بېرىمەن. تۈنۈگۈن ئىككى پاختا زاۋۇتىنىڭ لوبىنى بىزنىڭ پاختىنى كۆرگىلى كەلدى، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن يەنە بىرسى كېلىپ، مېنىڭ تاللاش ئىمكانىيىتىم تېخىمۇ كۆپەيدى». 10-ئاينىڭ 20-كۈنى، 6-شى شىنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى 26-ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى بۇ چاۋ شۇنداق دېدى.

تۇەن-چاڭلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىدا «بەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش» ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر نېمە تېرىسا، كىمگە سېتىپ بەرسە، ئۆزىنىڭ دېگىنى ھېساب بولىدىغان بولدى.

بۇ يىل، شىنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى پاختا پىششىقلاش كەسپىنى چۆرىدەپ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەسلىدىكى توققۇز پاختا پىششىقلاش كارخانىسى ئاساسىدا، يەنە توققۇز پاختا پىششىقلاش كارخانىسىنى كىرگۈزدى.

«ليەندۈيدە 10 كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە پاختا پىششىقلاش كارخانىسىدىن ئۈچى بار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تاللىشى تېخىمۇ كۆپ. كارخانىلار ياخشى رىقابەتلەشسە، ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىۋالغان پاختىنىمۇ ياخشى باھادا ساتقىلى بولىدۇ». شىنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى 33-ليەنى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ليەن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ جىداۋيۈەنى ۋۇ جىڭيۈنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كۈزلۈك يىغىم خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە ئەتراپتىكى ھەرقايسى پاختا زاۋۇتلىرىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسىنى يىغىپ، ھەر كۈنى ۋاقتىدا خىزمەتتىكى ئىشچىلار مۇلازىمەت توپىدا ئېلان قىلىپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندى.

پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرى كۆپىيىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تاللىشىمۇ كۆپەيدى، شۇنداقلا پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىگە تۈرتكە بولدى.

ۋۇجياچۈ بىڭتۇەن پاختىچىلىق چەكلىك شىركىتى شىنخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزگەن پاختا پىششىقلاش كارخانىسى. پاختا سېتىۋېلىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، بۇ شىركەت دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختىنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگە يەتكەن چىگىتلىك پاختىغا، يېشىل يول ئېچىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇش، ساقلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزاق بولۇشىدىن غەم قىلمايدىغان قىلدى. پاختىنى نەقلەشتۈرۈش خىزمىتىدە، بۇ شىركەت نەقلەشتۈرۈش باھاسىنى بازارنىڭ ھەر ۋاقىت تەڭشىشىگە ئاساسەن، پاختىنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن، 24 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىككە ۋەدە بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى