تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كورلا شەھىرى 3 ـ نۆۋەتلىك پۇخۇي توغراق مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزدى

  10 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، كورلا شەھىرى 3 ـ نۆۋەتلىك ئومۇمىي پۇخۇي مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايرىمىدا، كىچىك ئارتىسلار «ئۆركەشلىگەن ئوتلاق» ناملىق ئۇسسۇلنى ئورۇندىماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ شۇاڭ خەۋىرى، فوتوسى): 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، شادىيانە داقا-دۇمباق ساداسى ئىچىدە، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرىنىڭ 3-نۆۋەتلىك پۇخۇي توغراق مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى باشلاندى، سەرخىل پائالىيەتلەر جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى پۇخۇي دېھقانچىلىق مەيدانىغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.

  «مېنىڭ ۋەتىنىم»، «ئۆركەشلىگەن ئوتلاق»، «كورلا سەنىمى» قاتارلىق ئېسىل ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. كورلا مەدەنىيەت سارىيى ئېلىپ كەلگەن تولۇپ تاشقان رىتىمدىكى ناخشا-ئۇسسۇل «كورلىغا كېلىڭ» ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ساياھەتچىلەرنى بىرلىكتە ئۇسسۇلغا سالدى.

  پۇخۇي دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى توغراقلىق كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنى رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئايدا، بۇ يەر ئالتۇن رەڭلىك چۆچەك دۇنياسىغا ئايلاندى. توغراقنىڭ شولىسى سۇدا ئەكس ئېتىپ، بىر ـ بىرىنى چاقنىتاتتى، ساياھەتچىلەر توغراقلىقتا ئاستا ماڭغاچ، بەس ـ بەستە يان تېلېفونى بىلەن ئېسىل دەقىقىلەرنى سۈرەتكە تارتتى.

  «مەن ھەر يىلى پۇخۇي دېھقانچىلىق مەيدانىغا كېلىپ ئالتۇن رەڭلىك توغراقتىن ھۇزۇرلىنىمەن، بۇ يەر گۈزەللىكتە خۇددى بىر پارچە رەسىمگە ئوخشايدۇ، كىشىنىڭ كېتىشكە كۆزى قىيمايدۇ» دېدى ساياھەتچى شياۋ چىن. توغراق كارىدورىدا، ئۇ دوستلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، گۈزەل مەنزىرىلەرنى خاتىرىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى