تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

گۇما ناھىيەسىنىڭ ئېشەكچىلىك كەسىپ زەنجىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ، لۈ يىخەن، جۇڭ جاۋفېڭ خەۋىرى، فوتوسى): شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى خېجياشىن كەنتىدىكى ئېشەكنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ بېقىش مەركىزىدە، سالامەت تۇرۇپ سۈت سېغىش خىزمىتىنى تۈگۈتىشىگە تەخەيلەر ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلدى. سالامەت كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن ھازىر باقمىچىلىق مەركىزى سۈت سېغىش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولدۇم، مۇقىم كىرىم مېنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىمغا ياردەم بەردى.

  8-ئاينىڭ 23-كۈنى، مۇخبىر خېجياشىن كەنتىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ئېشەكنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ بېقىش مەركىزى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «باقمىچىلىق مەركىزى» دېيىلىدۇ)گە كەلدى، بۇ يەر مەركەزلەشكەن باقمىچىلىق، سۈت سېغىش، سورت يېتىشتۈرۈش، پەن تەتقىقاتى، تەقسىملەش بىر گەۋدە قىلىنغان كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق بازىسى بولۇپ، جەمئىي 34 مىليون 140 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، يېڭىدىن سېلىنغان ئۆلچەملەشكەن قوتاندىن 36 سى بار، كۆلىمى 1117 كىۋادرات مېتىر، مال دوختۇرلۇق ئۆيى، دېزىنفېكسىيە ئۆيى، يەم-خەشەك ئامبىرى، نەسىللەندۈرۈش پونكىتى، سۈت سېغىش زالى قاتارلىق قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى تولۇق ئىدى.

  سالامەت تۇرۇپ باقمىچىلىق مەركىزى سۈت سېغىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، باقمىچىلىق مەركىزىگە كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى ئاساسلىقى يەر تېرىپ كىرگەن كىرىمگە تايىناتتى. يەر ئاز، تېخنىكا كەمچىل بولغاچقا، ئۇنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى بىر قەدەر قىيىن ئىدى، 2014-يىلى نامرات ئائىلە دەپ بېكىتىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 2500 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنىڭ تۆت مو يېرى ھەم يىل ئاخىرىدىكى ئېشەك سۈتىدىن پايدا تەقسىملەنگەن كىرىمنى قوشقاندا، ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشتى. «ئىلگىرى مەن باشقا جايدىكى ئېشەك باقمىچىلىق زاۋۇتىدا ئىشلىگەن، ئەينى چاغدا قول بىلەن سۈت سېغىپ باققان، ھازىر ماشىنا بىلەن سۈت ساغىدىغان بولۇپ، بۇنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم.» دېدى سالامەت.

  باقمىچىلىق مەركىزىنىڭ باشلىقى خې لىنتۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ مەركەز سۈت ئېشىكىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بېقىش، بىر تۇتاش باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ھاۋالىلىك بېقىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، بىر ئېشەكنىڭ يىللىق كىرىمىنى 5000 يۈەندىن 6000 يۈەنگە يەتكۈزۈپ، 5000 نامرات ئائىلىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇما ناھىيەسى خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، ئېشەك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە ناھىيە بويىچە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىناق، باي بولغان يېڭى يېزا قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى يول ئاچتى.

  مۇخبىر گۇما ناھىيەسى سانائەت باغچە رايونىدىكى بىر ئېشەك سۈتى پاراشوكى پىششىقلاش زاۋۇتىغا كەلگەندە، ئېشەك سۈتى پاراشوكى، ئېشەك سۈتى قېتىقى قاتارلىق مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە زالىغا تىزىلغان ئىدى. بۇ زاۋۇتنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ زېشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پىششىقلاش زاۋۇتى ئايدا 1200 توننا يېڭى ئېشەك سۈتى، 25 توننا توڭلىتىپ قۇرۇتۇلغان ئېشەك سۈتى پاراشوكى، 100 توننا ئېشەك سۈتى قېتىقى بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھازىر 120 نامرات ئاھالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  شۇ جايدىكى باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىسىدە، ئېشەك سۈتى پاراشوكى، ئېشەك گۆشى ئىستىراھەت يېمەكلىكى قاتارلىق ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار ۋە يېڭى ئېشەك سۈتى شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى بازارلاردا سېتىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتى ۋە تونۇلۇش دەرىجىسى ئۆستى.

  نۆۋەتتە، گۇما ناھىيەسىدە بېقىلىۋاتقان ئېشەك 42 مىڭ تۇياققا يەتتى، شۇ جاي باشلامچى كارخانىلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، سۈت ئېشىكىنى مەركەزلىك بېقىش، بىر تۇتاش باشقۇرۇش، مەنپەئەت تەقسىماتى قاتارلىق ئەندىزىلەرنى قوللىنىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇردى ھەمدە باقمىچىلىق، كۆپەيتىش، سويۇش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان كەسىپ زەنجىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئېشەك كەسپى ئارقىلىق تەرەققىي قىلىپ، ئۇززاق پايدا ئېلىشى، كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئېشەك كەسپى شۇ جايدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى ئاساسلىق كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى