تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭدا 59 مىڭ 800 ئوقۇغۇچى چوڭلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا خەۋىرى): مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2020-يىللىق مەملىكەتلىك چوڭلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە ئېلىنغان بولۇپ، شىنجاڭدا 59 مىڭ 800 ئوقۇغۇچى ئىمتىھانغا قاتناشقان.

  بۇ يىل شىنجاڭ چوڭلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پۈتۈنلەي ئۆلچەملەشكەن ئىمتىھان مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى، ئىمتىھان نۇقتىسىغا سىن ئارقىلىق نازارەت قىلىش، سىمسىز سىگنال بېرىشنى توسۇش ۋە مېتال بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن بولۇپ، ئىمتىھان مەيدانى پۈتۈن مۇساپە بويىچە نازارەت قىلىنىپ سىنغا ئېلىندى. ھەرقايسى جايلار ئىمتىھان ئىستىلى، ئىمتىھان ئىنتىزامىنى داۋاملىق چىڭ تۇتىدۇ، ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاپپاراتلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى، سىمسىز تېلېگراف باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى پەن-تېخنىكىدا ساختىلىق قىلىش، باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان بېرىش قاتارلىق كۆز بويامچىلىق قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئىمتىھاننى نازارەت قىلىپ پاش قىلىش تېلېفونى 8758128-0991 نى ئاچتى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت قىلىپ پاش قىلسا بولىدۇ.

  شىنجاڭ چوڭلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتراپىدا ئېلان قىلىنىدۇ، شۇ چاغدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى باشقۇرغۇچى تەرەپ تور بېكىتىگە چىقىپ تەكشۈرسە بولىدۇ ھەمدە «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» باشقۇرغۇچى تەرەپ ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى