تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار لى لىڭ، ليۇ ۋېنخۇا خەۋىرى، فوتوسى): گۈزەل قىز مۇزىكىغا ئەگىشىپ لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى، كېلىشكەن يىگىت ئات ھارۋىسىنى ھەيدەپ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىز بىلەن توي قىلدى... 10-ئاينىڭ 21-كۈنى، بىر مەيدان مىللىي خاسلىققا ئىگە توي مۇراسىمى شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئالتۇن كۈز 10-ئايدا، لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى ئەڭ گۈزەل مەزگىلنى كۈتۈۋالدى، سىرلىق لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتى، ئۆزگىچە قۇملۇق توغراق مەنزىرىسى شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە ئارقا-ئارقىدىن كېلىشكە جەلپ قىلدى. شۇ كۈنى، لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا «مىڭ يىللىق لوپنۇرلۇقلارنىڭ توي مۇراسىمى» كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، مىليونلىغان ئەگەشكۈچىسى بار ۋاڭخۇڭ دوۋيىن دېكتورلىرى «بۇ يەر شىنجاڭ» «شىنجاڭ ياڭروۋگې» ۋە «لوپنۇر خېيزى»نى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلارغا توي مۇراسىمى جەريانىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنىپ، تورداشلارغا يېقىن ئارىلىقتا لوپنۇرلۇقلار توي مۇراسىمىنىڭ ئاۋات ھەم ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھېس قىلدۇردى.
لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى خې مياۋ مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن ھازىرغىچە، لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى كۈنىگە 3000دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. «مىڭ يىللىق لوپنۇرلۇقلار توي مۇراسىمى»نى بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ «بۇلۇت سۇپىسى»دا لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيەتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، لوپنۇر ناھىيەسى يەنە تېخىمۇ ئۆزگىچە كۆرۈش نۇقتىسىدىن، كۆپ مەنبەلىك سۇپا ئارقىلىق لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىپ، مەدەنىيەن-ساياھەت كەسپىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.