خەلق تورى خەۋىرى: 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، بېيجىڭ فېڭتەي رايونى ۋاڭزو بازىرى شاگو كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتى بېيجىڭ شەھىرى خۇاجىڭيۈەن قايتا ھاسىل بولىدىغان بايلىق يىغىۋېلىش چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، «تۈرگە ئايرىش، ئىشىك ئالدىدا چېلەك بولۇش، يۇرت-ماكان پاكىز بولۇش، يېزا-كەنتلەر گۈزەل بولۇش» تېمىسىدا ۋاڭزو بازىرى شاگو كەنتىدە ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ مىقدارىنى ئازايتىش ھەرىكىتىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شاگو كەنتى «ئىشىك ئالدىدا ئىككى چېلەك بولۇش» + «بىر خالتىغا يىغىش»دىن ئىبارەت ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش لايىھەسىنى يولغا قويدى — ھەربىر ئائىلىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئىككى چېلەك (ئاشخانا ئەخلەتلىرى بىلەن باشقا ئەخلەتلەر) بىلەن بىر خالتا (پۈتۈن تۈردىكى يىغىۋېلىشقا بولىدىغان نەرسىلەر) قويۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئىشىك ئالدىدىلا ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشنى بىر قەدەر ياخشى ئىشلىگەن ئائىلىلەرنى نومۇر بويىچە مۇكاپاتلىدى ھەمدە نومۇر بىلەن تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئالماشتۇرالايدۇ، بۇنداق بولغاندا ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىگە نۇرغۇن نەپ ئېلىپ كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.
( خەلق تورى مۇخبىرى ۋېڭ چىيۈ فوتوسى)